مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ كۈرىشى داۋاملىق دىققەتتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.04.03
sir-deryasi-syr-deryasi-305.jpg ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ سىر دەرياسى.
wikipedia.org

مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ھەتتا، سۇ جېدىلىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدىكى تەھلىلەرمۇ مەيدانغا چىقماقتا.

مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىق يۈزلىنىشى مەسىلىلىرى ھەققىدە يېقىندا بىشكەكتە «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك كاپالەت مەسىلىلىرى» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

رۇسىيە ئانالىزچىسى مىخايىل ئاگاجانىئاننىڭ «politkom.ru» تورىدا ئېلان قىلغان «مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇرۇش ئېقىنلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، مەركىزىي ئاسىيادىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۇ مەنبەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئائىت مەسىلىلەردۇر. بىشكەكتە چاقىرىلغان «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ۋە مەركىزىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك كاپالەت مەسىلىلىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان سۇ ۋە سۇ ئېنېرگىيىسى مەنبەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، جۈملىدىن ئىختىلاپلارنى مۇھاكىمە قىلغان.

سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئىختىلاپنىڭ مەنبەسى

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، سۇ ئېنېرگىيىسى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ جۇمھۇرىيەت ئارىسىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى قىرغىزىستاننىڭ «قەمبەر ئاتا-1»، تاجىكىستاننىڭ «روگۇي» ھىدرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشىغا قارشى چىققان بولۇپ، بۇ تالاش-تارتىشلارنى يېقىن ئارىدا ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئۆزبېكىستان-قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان -تاجىكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

مىخايىل ئاگاجانىئاننىڭ يېزىشىچە، 2014-2015-يىللىرى ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشى بىلەن بېرىدىغان قوراللىرى ئارقىلىق ئۆز ئارمىيىسىنى قايتىدىن قوراللاندۇرىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ئۆزبېكىستان ھازىرنىڭ ئۆزىدە يېتەرلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، تاشكەنت ئىككى ئۇرۇش سېپىدە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا تامامەن ئىگە.

بىشكەكتە ئېچىلغان مەزكۇر دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر سۇ مەنبەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئومۇمىي يۈزلۈك مەسىلە ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ يەكۈنىچە، مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ مەسىلىلىرى ھەر خىل پىلانلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي خاراكتېرلەرغا ئىگە بولۇپ، ئۆزبېكىستان دەريالاردا ھىدرو-ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۆزىگە كېلىدىغان سۇ ئېقىملىرىنىڭ ئازلايدىغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما، ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ نارازىلىقىغا نىسبەتەنمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستاننى كەسىپ ئۆتىدىغان سىر دەرياسىنىڭ باش ئېقىمى قىرغىزىستاندىن، يەنى تەڭرى تاغلىرىدىن، ئامۇ دەرياسى بولسا تاجىكىستان تەۋەسىدىن باشلىنىدۇ. مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىنىڭ باش ئېقىمىدا چوڭ كۆلەمدىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ھەم تۇغانلارنى قۇرۇشنى پىلان قىلغان ھەم بۇ ئىشلارغا كىرىشكەن ئىدى. بۇنداق بولغاندا، ئۆزبېكىستانغا كېلىدىغان سۇ مىقدارلىرى بىردىنلا ئازلاپ كېتىشى، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت سۇ مەنبەلىرىنى قامال قىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە نىسبەتەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىختىلاپنىڭ مەنبەسى رۇسىيىمۇ؟

مىخايىل ئاگاجانىئان ئۆزبېكىستاننىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولغان سۇ ئىختىلاپىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئانالىز قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئۆزبېكىستان 2012-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىدىن يىراقراق تۇتۇشقا كىرىشتى، شۇنىڭ بىلەن رايوندىكى سۇغا مۇناسىۋەتلىك قارشىلىقلار بەكرەك ئەۋجى ئالدى. ئۆزبېكىستان -تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئۈچ بۇرجەك قارشىلىق مۇناسىۋەتلىرى 2012-يىلى، ۋلادىمىر پۇتىن بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيەتكە زىيارەتكە كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ جىددىيلەشتى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشلارغا ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاننى قاتناشتۇرۇشنى ئويلىشىپ، تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزبېكىستان بۇنى رەت قىلغان، بىراق قازاقىستان ئۇلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان.

رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى، 9-ئايدا ۋلادىمىر پۇتىن ئىلگىرى-كېيىن تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن رۇسىيە ھەربىي بازىلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئاستانانى زىيارەت قىلىپ نۇرۇسۇلتان نازاربايېف بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

مىخايىل ئاگاجانىئان بۇ ئۇچرىشىشتا مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ مەسىلىلىرىنىڭ ئىككى پرېزىدېنتنىڭ سۆھبەت تېمىسى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ «سۇ جېدىلىنىڭ بۇ رايوندا ئادەتتىكىدەك قارشىلىقلارنى كۈچەيتىۋېتىشىلا ئەمەس، ھەتتا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى» نى تەكىتلىگەنلىكىنى نەقىل كۆرسەتكەن.

ئانالىزچىلار، كەرىموفنىڭ بۇ سۆزىنىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستاندىن ئىبارەت سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىنىڭ باش قىسمىنى كونترول قىلغان ئىككى دۆلەتكە بېرىلگەن قاتتىق سىگنال ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋلادىمىر پۇتىنغا مەركىزىي ئاسىيا ۋەزىيىتىدە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقسا جاۋابكارلىقنىڭ ئۇنىڭغىمۇ يۈكلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى دەپ تەھلىل قىلغان ئىدى.

لېكىن، سابىق ئۆزبېكىستان پارلامېنت ئەزاسى، سىياسىيون جاھانگىر مەمەتوفە ئەپەندى پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ئېيتقاندەك سۇ مەسىلىسى ھەر قانچە جىددىي بولسىمۇ، بىراق مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ قوشنا قېرىنداش خەلقلەر بىلەن ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىش يولىغا ماڭمايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك يەنە مەركىزىي ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىمۇ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

بىشكەك تاشكەنتنى ھەمكارلىققا چاقىردى

رۇسىيىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قورۇلىدىغان «قەمبەر ئاتا-1» ھىدرو ئېلېكتر ئىستانسىسى پىلانى ھەققىدە قىرغىزىستان تەرەپ ئۆزبېكىستاننى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان بولۇپ، «ئازادلىق » رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەتتا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتانبايېف «ھىدرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئۆزبېكىستان ئۈچۈنمۇ پايدىلىق، قوشنىمىزغا ھىدرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ ئەسلىدە تاشكەنتتە تۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتىش كېرەك، ئەگەر كېرەك بولسا بىز بۇ قۇرۇلۇشقا ئۈچىنچى دۆلەت ئۆزبېكىستاننىمۇ قوشۇشقا تەييارمىز» دەپ بىلدۈرگەن.

مىخايىل ئاگاجانىئاننىڭ ئۆز ماقالىسىدە تەكىتلىشىچە، تاجىكىستاننىڭ ئامۇ دەرياسىغا سالىدىغان روگۇي سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشقا ئاشۇرۇلسا ئۆزبېكىستاندا سۇ يېتىشمەسلىكى كېلىپ چىقىپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ھەر يىلى 600 مىليون دوللار قىممىتىگە يېتىدىكەن. چۈنكى، بۇنىڭ بىلەن پاختىزارلىقلار قۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئومۇمىي ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى 2% تۆۋەنلەيدىكەن. خارەزىم، بۇخارا ۋىلايەتلىرى ۋە قاراقالپاقىستان تېخىمۇ زور قۇرغاقچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كېلىدىكەن.

ئەلۋەتتە، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان سۇ مەنبەلىرىنى قامال قىلىش ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ ئىگىلىكىگە ۋە ئىقتىسادىغا ئېغىرچىلىقلارنى پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

بىراق، قىرغىزىستان ئۇچۇر مەنبەلىرى رۇسىيە تەرەپ سىر دەرياسىنىڭ باش ئېقىمى بولغان نارىن دەرياسىدىكى «قەمبەر ئاتا-1» ۋە باشقا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشىغا 1.7 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان. ئەمما، قىرغىزىستاننىڭ «24.كگ» ئاگېنتلىقى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا ئائىت ئۈچ ھۆججەتنى كۆرۈپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى بىرلىشىپ كەتكەن

رۇسىيە ئانالىزچىسى مىخايىل ئاگاجانىئان ئۆز تەھلىلىدە ئۆزبېكىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى بۇ خىل ۋەزىيەت، يەنى رۇسىيىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

«قەمبەر ئاتا-1 » قۇرۇلۇش پىلانى قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ساھەسى ئۈچۈن زور پايدا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قىرغىزىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت بايلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەسىگە ئىگە بولغان بولسا، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان سۇ ئېلېكتر مەنبەسىگە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، تاغ-دەريالىرى بىرلىشىپ كەتكەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بولۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋە تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. بىشكەك تەبىئىي گاز جەھەتتە قوشنىسى ئۆزبېكىستانغا تايىنىدۇ. ئەمما، ئۇ سۇ مەنبەلىرىگە بۇ جۇمھۇرىيەتكە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن تاشكەنت سۇ ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى جەھەتتە بىشكەككە تايىنىدۇ.

قازاقىستاننىڭمۇ سۇ كۈرىشى بار

ئەلۋەتتە، سىر دەرياسىنىڭ سۈيىگە مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلارغا قازاقىستانمۇ داخىل بولۇپ، سۇ مەسىلىسى قازاقىستان ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم. سىر دەرياسى قازاقىستاننىڭ خېلى زور قىسمىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. سىر دەرياسى ئۆزبېكىستاننىڭ ئالتە ۋىلايىتى، قازاقىستاننىڭ ئىككى ۋىلايىتىنى تەمىنلەيدۇ.

قازاقىستاننىڭ يەنە سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتاي بىلەنمۇ ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى قامال قىلىشى،قازاقىستاننىڭ بالقاش كۆلىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرگە چېتىشلىق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېرتىش دەرياسىنىڭ باش قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى بوغۇش چارىسى قوللانغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە ۋە قازاقىستان ئوخشاشلا نارازى بولماقتا.

قىسقىسى، سۇ مەسىلىسى مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغىلا ئەمەس، بەلكى جۇغراپىيىۋى سىياسىي ھاياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.