بىلال ئەردوغاننىڭ تەشەككۈر زىياپىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.09.01
Bilal-erdoghan-ismail-jengiz-chenggiz.jpg ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز ئەپەندى دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت كونفېدراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن بەرگەن زىياپىتىدە خاتىرە سۈرەتتە. 2016-يىلى 30-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

30-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت كونفېدراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان، 26-28-ئاۋغۇست ئارىسىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تۈرك دۇنياسى مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ئالاھىدە ھەسسە قوشقان تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن زىياپەت بەردى. ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ھۆكۈمەت بىناسىدا بېرىلگەن زىياپەتكە تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى قاتناشتى.

پائالىيەتتە بىلال ئەردوغان ۋە كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز، كۈچۈكچەكمەجە ناھىيە ھاكىمى ھارۇن قىلىچ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەسسە قوشقان تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندى، كۈچۈكچەكمەجە ناھىيىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇھىم پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كۈچۈكچەكمەجە رايونىنىڭ تۈركىيە خەلقىگە ۋە تۈرك دۇنياسىغا تونۇلۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، پائالىيەتنىڭ ياخشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرقايسى تەشكىلاتلارغا، جۈملىدىن پائالىيەتكە ھەسسە قوشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلال ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىندىن بۇيان تۈرك دۇنياسىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا بىلال ئەردوغان سۆز قىلىپ: تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، مىللىي تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنى تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، پەرزەنتلەرگە ھەرخىل باشقا مەدەنىيەتتىكى فىلىم ۋە ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىنى، تارىختا ئۆتكەن باتۇر ئاتا-بوۋىلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا ۋە ساپ بولغان بىر خىل چۈشەنچە ھەم ئىدىيە بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىلال ئەردوغان سۆزىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈرلۈكى، چۈنكى، ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتا، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىشتا مىللىي تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، كېلەر يىلى ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارا تۈرك دۇنياسى مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت پائالىيىتىنىڭ ئوخشاشلا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ جانلىق ۋە كۆركەم ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر قايسى جەمئىيەت ۋەكىللىرى بۇ پائالىيەتنى پائال قوللايدىغانلىقى ۋە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

بىلال ئەردوغان جەمئىيەت ۋەكىللىرى بىلەن تاماق زىياپىتىدە بىرگە بولدى ۋە كېيىن ئۇلار بىلەن ئوپچى ھەم خاس ھالدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە شام نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ھەر قايسى ۋەكىللەرگە بىر قانچىدىن كىتاب ۋە تۈركىيەنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان د ۋ د پلاستىنكىلىرى ھەدىيە قىلىندى.

بىز بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدە ھەمكارلاشقان ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز ۋە قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سەركان دېنچتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىسمائىل جېنگىز بۇ پائالىيەتكە ئۈچ كۈن ئىچىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشى ۋە بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيەت-تەنھەرىكەتلىرىنى تونۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كېلەر يېلى بۇنىڭ 2-قېتىملىقىنى قازاقىستان ھەم باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تېخىمۇ جانلىق بىر شەكىلدە، چوڭ ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سەركان دېنچتۈرك مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت كونفېدېراسىيەسى رەئىسى بىلال ئەردوغان بىزنى بىر تەشەككۈر ئېيتىش زىياپىتىگە تەكلىپ قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەتكە ھەسسە قوشقان پۈتۈن كىشىلەر ۋە جەمئىيەتلەر جەم بولدى. بىزمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قاتناشتۇق. بىلال ئەردوغان بىزگە رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇ پائالىيەتنى بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ تېخىمۇ چوڭ بىر تەييارلىق بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىزمۇ ئاكتىپچانلىق بىلەن قوللاپ ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. بۇ، بىز ئۈچۈن خۇشاللىق بىر خەۋەر ئىدى. كېلەر يىلقى پائالىيەتتە پۈتۈن تۈرك خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ ياخشى ۋە چوڭ تۈردە كۆركەم بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.