تۈركىيەنىڭ نىغدە ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.11.13
turkiye-sherqiy-turkistan-jumhuriyet-kuni-2015.jpg تۈركىيەنىڭ نىغدە شەھرىدىكى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيتى
RFA/Erkin Tarim


11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان نىغدە شەھىرىدىكى نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەينى ۋاقىتتا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ ئاتالغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

12 - نويابىر كۈنى سائەت 4تىن 6 گىچە تۈركىيەنىڭ نىغدە شەھىرىدىكى نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشقان يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەھبەرلىرى، ھەرقايسى فاكۇلتېتنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بىز بۇ خاتىرىلەش يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىندا دوكلات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ھېكمەت كوراش ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلاتىدا 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە، 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى غۇلجادا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» نىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئورنى، ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ھېكمەت كوراش ئەپەندى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەبرىكلەيمەن. گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولمىدى، ئەمما بۇ، ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم تارىخىي ھادىسىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە، ئەمما ئۇلار بىر ئۇيغۇر بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن بەك خۇرسەن بولدى. كۆپ ساندا ئوقۇغۇچى قاتناشتى، قىزىقىش بەكلا يۇقىرى ئىدى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، فاكۇلتېت مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە دوكتور، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولدى.»

ئۇ، بۇ مەسىلىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دېگەندەك خەۋەردار ئەمەسلىكىنى، بۇ مەسىلىنى سىياسەتچىلەرگە ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ مەسىلىنىڭ جىددىيىتىنى تونۇپ يەتكەن ئەمەس. مەسىلىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ خىل يىغىنلارنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئۇيغۇر رايونى سىرتقا ئېتىۋېتىلگەن بولغاچقا، ئۇ يەرگە مۇخبىرلار كېرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلاردىن دۇنيا بىخەۋەر. بولۇپمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن بىخەۋەر. شۇڭا بۇ خىل پائالىيەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بەكلا مۇھىم دەپ ئويلايمەن.»

يىغىن ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىدىن سوئاللار سورىدى.

تۈركىيەدىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان بۇغدانىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇنقى يىللاردا تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمما يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بۇنداق پائالىيەتلەر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپىيىش بىلەن بىرلىكتە سىياسەتچىلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» تۈركىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە خاتىرىلەندى.

11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بولسا ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئايتېكىن چېتىن مەسئۇل بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى ناملىق بىر گۇرۇپپا، ئۇيغۇر كۈرەشچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئەنقەرە جەبەجى ئەسرى مازارلىقىدىكى قەبرىسى بېشىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى.

ئەنقەرەدە ئۇيغۇر كۈرەشچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ مەقبەرىسى ئالدىدىكى خاتىرلەش
ئەنقەرەدە ئۇيغۇر كۈرەشچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ مەقبەرىسى ئالدىدىكى خاتىرلەش

12 - چېسلا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى بىلەن سابىق پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.