تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تارتقاتقان باياناتى تۈركلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.01.02
jume-ichten-turkiye-parlament-ezasi-urumqi.jpg ئوتتۇرىدىكى كىشى جۈمە ئىچتەن
RFA/Erkin Tarim


ھازىر تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ دىيارباقىردىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بەرگەن باياناتى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز - ئارا زىيارىتى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ھازىر تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇ، دىيارباقىردىن سايلانغان كۈرت پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، بىر ئاي بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتايلارنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ تارقاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن بىر باياناتى تۈرك خەلقىنىڭ، شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

جۈمە ئىچتەننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تارقاتقان باياناتىدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئۇنداق ئۇزاقتا تۇرۇپ مەزلۇملارغا ئىگە چىققىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە خاتا مەلۇماتلار كۆپ. تۈركىيەدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ خاتا سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلار بار. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى زىيارەت قىلدۇق، دەردىنى ئاڭلىدۇق، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىمىز. خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈۋاتىمىز، كۆرۈشۈشنى داۋام قىلىمىز. ئۇزاقتا تۇرىۋېلىپ بىزنى تەنقىد قىلىۋاتقان كىشىلەر بىر قېتىممۇ بۇ جايغا كېلىپ باقمىغان، بەزى مەسىلىلەرنىڭ تۈركىيەدە ئاڭلىتىلغاندەك ئەمەسلىكىنى كۆردۈم. ئەلۋەتتە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت، ئەمما سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى تۈركىيە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن تەڭ باراۋەر ياشاشنى خالايدۇ. بۇ، ئىككى مىللەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. تۈركىيە بۇرۇنمۇ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ بۆلۈنۈشىنى خالىمىغان ئىدى، بۈگۈنمۇ خالىمايدۇ ۋە قوللىمايدۇ.»

ئۇ باياناتىنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، خىتاي تۈركىيەگە كۈچلۈك دۆلەت دەپ قاراپ ھەمكارلىق تۈزۈشكە تىرىشىۋاتسا، تۈركىيەدىكى بەزى كالۋالار بۇنى كۆرمەيۋاتىدۇ.»

ھازىر تۈركىيەنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان بۇ باياناتى تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا تارقىتىلغان بۇ بايانات تۈركلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

ئوغۇز تۈرك ناملىق بىر كىشى فېسبوكتا ئۇنىڭغا يازغان رەددىيە خېتىدە مۇنۇلارنى دېگەن: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى، بىز تېخى يېقىندا ئۇ يەردىن كەلدۇق. بىز ئۇ يەردە قانداق زۇلۇملارنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ چوڭ بولدۇق. ئۇ يەردە چىدىغۇسىز زۇلۇم بار. بۇ زۇلۇم بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. مەن سىزگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇ يەردە سىز كۆرۈۋاتقان ئىشلار خىتاي ھۆكۈمىتى سىز ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ئويۇندۇر. ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇلار راس گەپ قىلالمايدۇ. راس گەپ قىلسا قاتتىق جازالىنىدۇ.»

ئۈرۈمچى قىزى نامى بىلەن يازغان بىرى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ باياناتىغا قارىتا مۇنۇلارنى يازغان: «نورمالدا تۈركىستانغا بارغانلار ئەسلىنى تېپىپ ھاياجانلىنىدۇ. بۇ پارلامېنت ئەزاسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شامىلى تېگىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ئۇ يەردە يېگەن - ئىچكەنلىرى زىيان قىلغان ئوخشايدۇ. ئەسلىدە ئۇيغۇر تاماقلىرى ئىنسانلارغا شىپادۇر. ئەمما بۇ پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ مەينەت قولىدىن ئېلىپ يېگەن بولغاچقا تاماق زىيان قىلغان ئوخشايدۇ.»

يالچىن باي ئىسىملىك بىر كىشى پارلامېنت ئەزاسى جۈمە ئىچتەن ئەپەندىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى، سىز بارغان شەرقىي تۈركىستانغا مەنمۇ بارغان. مەن بېرىشتىن بىر ئاي بۇرۇن قەشقەردە ئىككى يېزا خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان ئىدى. خىتاي رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە باشقىچە نەرسىلەرنى دەيدۇ. ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتتىن قورقۇپ مېنى ئۆيىگە مېھمانغىمۇ چاقىرالمىدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949 - يىلى بېسىۋالغانلىقى ئېنىق. ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ھەق ۋە ھۇقۇقىنى بەرمەيۋاتىدۇ. ۋەزىيەتنى ياخشى تەھلىل قىلىش كېرەك. ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىر، ئۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇيغۇرلار بەخىتلىك ياشىماقتا دېيىش توغرا ئەمەس. كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىدا، مەسچىتنىڭ ئالدىدا، كوچىلاردا ھەر جايدا ساقچى بار. بىز ئىككى ئوقۇتقۇچى بارغان ئىدۇق، بىز چېگرادىن كىرگۈچە خىتاي ساقچىلىرى بىزنى 5 يېرىم سائەت تەكشۈردى. پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇنداق تەكشۈرمەيدۇ، شۇڭا ھەقىقەتنى كۆرمەيلا بايانات بېرىپسىز.»

مەريەم مەرۋە بالتاجى خانىم، پارلامېنت ئەزاسىنىڭ باياناتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «سىز بىر ئاي بۇرۇن پارلامېنتتا قىلغان نۇتقىڭىزدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى دېگەن ئىدىڭىز، بۈگۈن نېمە بولۇپ مۇنداق دەيسىز؟ نېمە ئۆزگىرىش بولدى؟ بۇ گەپلەرنى نېمىگە تايىنىپ تۇرۇپ دەۋاتىسىز؟ بۇنداق دېيىشكە نېمە ھەققىڭىز بار؟ مەن سىزنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. مەنچە سىز، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا گەپ قىلماقچى بولسىڭىز، كىتاب ئوقۇپ، ئۆگىنىپ سۆزلەڭ.»

پارلامېنت ئەزاسىنىڭ باياناتىغا قارىتا تۈرك خەلقىنىڭ قانداق نارازىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئاكتىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قوللىنىۋاتقان ئازادجان بۇغرا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.