تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.07.30
ismail-kahraman-turkiye-parlament-reisi-20170728.jpg تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنى قوبۇل قىلدى. 2017-يىلى 28-ئىيۇل، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

28-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ سابىق مۇدىرى، سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ۋە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي قاتارلىق كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى. ئارقىدىن ئۇلار تۈركىيە پارلامېنتى ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مەسئۇلى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسئۇلى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇساپىر ئۇيغۇرلار، مىسىردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرەگە كېلىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالدى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۆزى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى، پارلامېنتتىكى ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

7-ئاينىڭ بېشىدا مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق ئەنسىرەش پەيدا قىلغان ئىدى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى تۈركىيەگە قېچىپ كېلىۋالغان بولسىمۇ بەزىلىرى تېخىغىچە مىسىردىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل قەھرىمان بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بولغان ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلاردا تۈركىيەمۇ مۇشۇنداق قىلارمۇ دېگەن ئەنسىرەش پەيدا بولغان ئىدى. دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى بۈگۈنكى ئۇچرىشىشلاردا بۇ ئەنسىرەشلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئەنسىرەشنىڭ كېرىكى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. 

سابىق پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى. بۇ ھەيئەتتە جەلال ئەربايمۇ بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن 20 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن. 20 يىل بۇرۇندىن تارتىپ قېرىنداشلىرىمنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ دەردى مېنىڭ دەردىم، ئۇلارنىڭ راھىتى مېنىڭ راھىتىم، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە مەزلۇملار بېسىمدىن قۇتۇلغۇچە ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن.» 

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مەسىلىلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى، ھازىرغىچە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قانۇنىي تۇرۇش رۇخسىتى، ئىشلەش رۇخسىتى ھەل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقسىز داۋالىنىش، ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشكە ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ تېخىغىچە ھەل بولغىنى يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.