تۈركىيە قوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.01.11
turkiye-chankari-unversititi-mezlum-sherqiy-turkistan.jpg 22-ئاپرېل تۈركىيە چانكىرى ئۈنىۋېرسىتىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەزلۇم دىيار شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدىكى يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر
RFA/Arslan


2015 - يىلى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 2016 - يىلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۇنجى مۇھاكىمە پائالىيىتى 7 - يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولۇپ ئۆتتى.

بۇ يىغىننى قوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر ۋە تەتقىقات كۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان.

«شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى مەزكۇر يىغىنغا مۇھاممەت ھىكمەت يۈرەك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن سىنەم ساقا، زۇھال يۈكسەل، زەينەپ بىبەر خانىملار ۋە مۇستافا نۇر چالىشقان ئەپەندى سۆزلىگەن. 3 سائەت داۋاملاشقان يىغىنغا قوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. قوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن 2016 - يىلى كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىننىڭ بىرىنچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

7 - يانۋار كۈنى «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبىنىڭ رەئىسى مۇھاممەت ھىكمەت يۈجە ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مەن قوجائېلى ئۈنىۋېرسىتىتى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە تەتقىقات كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى. بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز. 7 - يانۋار پەيشەمبە كۈنى شەرقىي تۈركىستاننى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلەيلى دەپ ئويلاپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەتىنى. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئاڭلىتايلى دەپ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزدۇق، ئىنتايىن ياخشى ئۆتتى. ئېچىلىشتا رابىيە قادىر خانىم سىنالغۇغا ئېلىپ ئەۋەتكەن كۆرۈنۈشلەرنى قويۇپ بەردۇق. رابىيە قادىر خانىم بىزگە بولغان رەھمىتىنى بايان قىلىپتۇ. يىغىنىمىزغا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە رايونىمىزدىكى بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.»

مۇھاممەت ھىكمەت يۈجە ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا تۆت كىشىنىڭ سۆز قىلغانلىقى ۋە نېمىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:

«يىغىندا سۆز قىلغانلار ئۈنىۋېرسىتېتىمىزدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان. جەمئىي 4 كىشى سۆز قىلدى. مەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدىم. 4 كىشىنىڭ نۇتقىنى، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىدىن باشلىدۇق. ئۇ يەردە تارىختا قايسى دۆلەتلەر قۇرۇلدى؟ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ئۇنى ئاڭلاتتۇق. ئارقىدىن سۆز قىلغان كىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ئاڭلاتتى،يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئاڭلاتتى. ئۈچىنچى بولۇپ سۆز قىلغان دوستىمىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تۆھپە قوشقان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش - ئىزلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا سۆز قىلغان تۆتىنچى دوستىمىز بولسا دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىستىسيەسى ۋە ئىنكاسلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. »

ئۇ، بۇ يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى، بۇ يىغىن ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بىزنىڭ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرىشىمىزدىكى مەقسەت كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇش ئىدى. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم قىلالايمىز دېگىنىمىزدە ھەممىمىز ھەم پىكىر بولغان بىر نەرسە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى خەلققە ئاڭلىتىش ئىكەنلىكى، شۇڭا بىز بۇ خىل يىغىنلارنى تۈركىيەنىڭ ھەممە جايىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز.

يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن سىنەم ساكا خانىم، دوكلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىملىرىنى، زۇلۇملىرىنى ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاڭلاتتىم. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتىۋاتقان دەرت - ئەلەملەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم.»

سىنەم ساقا خانىم ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئۆز يۇرتىمىز. بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز تۈركىئەيەگە كۆچۈپ كەلگەن رايون. بىزنىڭ قىزىقىشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇ. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قاراپ تۇرالمايمىز، بېسىم سىياسىتىنىڭ تۈگىشى كېرەك. بىز تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقىلار مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقات مەسىلىلىرى بويىچىمۇ خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. 2016 - يىلىنىڭ تۇنجى پائالىيىتى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.