ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل ھالدا ئورۇن ئالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-01-13
Share
turkiye-uyghur-metbuat-fatima-jengiz-hamut-kokturk.jpg تۈركىيە مەتبۇئاتىدىكى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى
RFA/Erkin Tarim


«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن بەزى تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىشكە باشلىدى. بۇلاردىن بىرى يېشىل قارادېڭىز رادىئوسى. مەزكۇر رادىئو كېيىنكى بىرقانچە يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا رادىئو پروگراممىسى ئىشلەپ تارقاتماقتا. 13 - يانۋار كۈنى رادىئو ئىلھام توختىنى ئالاھىدە تونۇشتۇردى. 2 سائەتلىك پروگراممىدا ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى ئاڭلىتىلغاندىن باشقا، ئىلھام توختى توغرىسىدا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان كىتاب تونۇشتۇرۇلدى.

بىز مەزكۇر رادىئو ۋە رادىئونىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن رادىئونىڭ خوجايىنى ئىمدات ئۆزجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئالدى بىلەن يېشىل قارادېڭىز رادىئوسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن 16 يىلدىن بېرى رادىئو ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بىز ھازىر رايونغا قارىتا ئاڭلىتىش بېرىۋاتىمىز. ئەمدى پۈتۈن تۈركىيەگە ۋە چەتئەلگە قارىتا ئاڭلىتىش بېرىش ئۈچۈن تەييارلىقلىرىمىز پۈتۈپ قالدى. بۇندىن كېيىن رادىئو ئاڭلىتىشىمىزنى كېڭەيتمەكچىمىز. يېشىل قارادېڭىز رادىئوسى ھازىر ئىچ ئاناتولىيە رايونىدا ئاڭلىتىش بەرمەكتە.»

يېشىل قارادېڭىز رادىئوسى 5 - 6 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئايدا بىر قانچە قېتىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، تىلى، ئەدەبىياتىنى ئاڭلاتماقتا.

بۇ رادىئونىڭ خوجايىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق قىزىقىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە توختالغان ئىمدات ئۆزجان ئەپەندى مۇنۇلارنى دېدى: «مېنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىشىم بىرىنچىسى تۈرك بولۇشۇم. چۈنكى ئۇيغۇرلار مېنىڭ قېرىندىشىم. مەن ئانا تەرەپتىن قىرىم تاتارىمەن. بالىلىق چېغىمدىن تارتىپ تۈركىيە سىرتىدا ياشىغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، ئۇلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل بولغاچقا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. بىز ھازىر رادىئومىزدا نۇقتىلىق ھالدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى، قىرىم مەسىلىسى، سىپرۇس مەسىلىسى، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. تۈرك جامائەتچىلىكىگە تۈرك ‹دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسى› نى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئاللاھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئەركىنلىك ئاتا قىلسۇن.»

بىز مەزكۇر رادىئونىڭ سۆھبەت پروگراممىلىرىغا ئەڭ كۆپ چىققان ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، يېشىل قارادېڭىز رادىئوسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلگەن، مەركىزى قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق رادىئو ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى رادىئودا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بۈگۈنكى 3 سائەت داۋاملاشقان رادىئو پروگراممىسىدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدىكى رادىئولار ئىچىدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتقان يېشىل قارادېڭىز رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھامۇت گۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى تونۇلۇشىدا مەزكۇر رادىئونىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت