ئۇيغۇرلار تۈركىيە پارلامېنت رەئىسىدىن ھال سورىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.07.28
turkiye-parlament-binasi-bomba.jpg turkiye-parlament-binasi-bomba
Photo: RFA

15-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىچىدىكى بىر ئوچۇم قوماندان ۋە ھەربىي تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنغاندا، ئەنقەرە ج خ ئىدارىسى بىناسى، تۈركىيە پارلامېنتى بىناسى، دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوردىسى قاتارلىق جايلارنى بومباردىمان قىلىپ، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. بولۇپمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئورگانلاردىن بىرى بولغان، دېموكراتىيەنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بومباردىمانغا ئۇچرىشى تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. تۈرك خەلقى دۆلىتىگە، دېموكراتىيەگە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلماقتا.

28-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ ئورۇن ئالغان 300 كىشىدىن تەركىب تاپقان تۈركىيە خالىسانە خىزمەت قىلغۇچىلار فوندى ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، پارلامېنت باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندىدىن ھال سورىدى. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بومبا تاشلانغان يەرنى زىيارەت قىلىپ، دېموكراتىيەگە قىلغان بۇ زىيانكەشلىككە لەنەت ئوقۇدى. بۇ زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە خالىسانە خىزمەت قىلغۇچىلار فوندى رەئىسى خامزا ئاقبۇلۇت ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.