11-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان ئىزمىر شەھىرىدىكى گەدىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى.
گەدىز ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىزمىر شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. كېيىن مىساللار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.