تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار: تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىزگە پۇقرالىق بەرسە

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.01.01
turkiye-uyghur-musapir-balilar.jpg تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى
RFA/Uyghur


غەيرىي رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2014 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىر تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىگە يەرلىكلەشكەن.

دۇنيا خەلقى 2015 - يىل ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2016 - يىلنىڭ 1 - كۈنىنى كۈتۈۋالغان بىر پەيتتە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن دىلشات ئەپەندى ۋە ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرقايسى جەھەتلەردىن خاتىرجەم بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بەزى ئەمىلى مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ توختالدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىگە پۇقرالىق بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

دىلشات ئەپەندى 2016 - يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «2016 - يىلىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن، تۈركىيە خەلقىدىن ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدىن كۈتىدىغىنىمىز بىز تۈركىيەدە ياشايمىز دەپ كەلدۇق، شۇڭا 2016 - يىلىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە پۇقرالىق بېرىشىنى تىلەيمىز. بىزگە بىر پۇقرالىق بەرسە بىزمۇ ئۆز ئالدىمىزغا بىر ئىشلارنى قىلىپ، تۈركىيە دۆلىتىگە پۇقرالىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلساق. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى، ئەمما تېخىغىچە تۇرۇش كىنىشكىلىرىمىز تولۇق چىقىپ بولالمىدى. شۇڭا مەن قەيسەرىدە ياشاۋاتقان 180 ئائىلە ئۇيغۇرغا ۋاكالىتەن تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ بالدۇرراق بىزگە پۇقرالىق بېرىشىنى تىلەيمەن.»

تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوپچە خەتمە
تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوپچە خەتمە

ئارقىدىن ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىر ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 2015 - يىلى قانداق ئۆتتى دېگەن سوئالىمىزغا، 2015 - يىلىدا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن مال - مۈلكىدىن ئايرىلىپ تۈركىيە چىققانلىقىنى، كۆپ نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن دۇنياغا چىقىپ، ئوي - پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىش، ئەركىن ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مۇساپىر ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى 2016 - يىلىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كۈچىيىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.