پرېزىدېنت ئەردوغان كىچىك شەھەرلەردە ئۇتتى، چوڭ شەھەرلەردە ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.04.17
ray-bileti-we-lptap.jpg تۈركىيەدە پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق تۈزۈمگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق تاشلىغان بېلەتنىڭ بىرى. 2017-يىلى 16-ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Erkin

تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھازىرقى پارلامېنت تۈزۈمىدىن پرېزىدېنتلىق، يەنى دۆلەت باشلىقى ھۆكۈمەت قۇرىدىغان تۈزۈمگە ئۆتۈش ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش، يەنى رېفېرېندۇم 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈشنى قوللىغانلارنىڭ نىسبىتى 51.4% نى ئىگىلىدى، 48.6% كىشى پارلامېنت تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىملىق ئومۇمى خەلق بېلەت تاشلاشقا، يەنى راي بېرىشكە 50 مىليون ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ، قوللاش رايىنى بەرگەنلەرنىڭ سانى، رەت قىلغانلارغا قارىغاندا 1 مىليون 379 مىڭ ئارتۇق بولغان. ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر ۋە ئانتاليا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە رەت قىلىش بېلىتى تاشلىغانلارنىڭ سانى قوبۇل قىلغانلارنىڭ سانىدىن كۆپرەك بولغان.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە بېلەتلەر سانىلىپ، نەتىجە رەسمىي جاكارلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلققە نۇتۇق سۆزلىدى ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيەدە 200 يىلدىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتنىڭ تۈزۈمى توغرىسىدىكى قانۇنىي قارار ماقۇللاندى. بۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس، بۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ قانداق بولۇشى توغرىسىدا بېرىلگەن مۇھىم بىر قاراردۇر».

ئۇ، نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي بېرىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن سىياسىي پارتىيەلەرگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنى قوللىغان قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى قوللىغان قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنى قوللىغان قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن».

ئەمما، مەزكۇر راي بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بەزى ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىلەر سايلام قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنىڭ سادىر بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۈستىگە «قوشۇلىمەن» ياكى «قوشۇلمايمەن» ئىبارىلىرى يېزىلغان راي بېلىتى بىلەن كونۋېرتنىڭ ئۈستىگە تامغا بېسىلغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. بەزى يەرلەردە تامغا يوقلۇقى بايقالغان بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئوسمان بايدېمىر ئەپەندى نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ساندۇقتىن چىققان بىلەتلەردە ھەر خىل شەك بولماسلىقى كېرەك. تامغا بېسىلمىغان كونۋېرت ۋە تامغا بېسىلمىغان بېلەتلەر بىلەن بېرىلگەن راي ئىناۋەتسىزدۇر. ھازىرغىچە يۈزلىگەن نارازىلىق ئىلتىماسى كەلدى. 668 ساندۇقتا شەك بار. تامغا بېسىلمىغان كونۋېرت ۋە راي بېلىتى بايقالغان».

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باياناتچىسى بۈلېنت تەزجان ئەپەندى سايلام قانۇنى بويىچە، بېلەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا سانىلىشى كېرەكلىكى، ئەمما ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى سايلام مەيدانلىرىدىن كەلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا سايلامغا ھىيلە ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بېلەتلەرنى ساناش باشلانغاندىن تارتىپ تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن بېلەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سانالغانلىقى توغرىسىدا ئەرز كەلدى. 19 ئەرزنى مەن سىلەرگە كۆرسەتمەكچىمەن. بىز بۇ قانۇنسىزلىق ھەققىدىكى ئەرزىمىزنى تۈركىيە سايلام كومىتېتىغا ئەۋەتتۇق».

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى پارلامېنت تۈزۈمىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1945-يىلى كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن. پارلامېنت ئەزالىرى خەلق تەرىپىدىن سايلانغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى دۆلەت رەئىسىنى سايلايتتى. بىراق، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەلق رايى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇندىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، پرېزىدېنت خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدۇ ۋە پرېزىدېنت ھەرقايسى مىنىستىرلارنى ئۆزى تەيىنلەيدۇ. پارلامېنت تۈزۈمىدە دۆلەت مىنىستىرلىرى ۋە مىنىستىرلار پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىن بولاتتى، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىنكى، دۆلەت رەئىسلىك، يەنى پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدە ھەر قايسى مىنىستىرلار پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىن ئەمەس، بەلكى سىرتتىن تاللىنىلىدۇ.

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش تەكلىپى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۆپ ئەزاسى بار، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمى خەلق رايىنى ئېلىش ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

رەي بېرىش كۈنىدىن بۇرۇنقى تەشۋىقات جەريانىدا بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ئەگەر تۈركىيە پرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتسە، تۈركىيەنىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈمگە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، يەنە بەزى سىياسىي پارتىيەلەر پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆپ ساندا كىشى گۇمانلىق دەپ قارىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. ياۋروپا دۆلەتلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بولۇپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى ئومۇمى خەلق راي بېرىشنى كېيىنكى تۈركىيەنىڭ كەلگۈسى تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى، غەربكە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىش مۇمكىنلىكىنى تەھلىل قىلىشماقتا. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ كەتسە ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.