خىتاي تۈركىيەدە «لاگېر مەسىلىسى» توغرىسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىنى باشلىۋەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.10.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
xitay-wekili-xing-guangcheng.jpg ئوڭدىن بىرىنچى كىشى خىتاي تۈركىيەگە ئەۋەتكەن ھەيئەت باشلىقى شىڭ گۋاڭچېڭ. تۈركىيە ھۆرىيەت تورىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
hurriyet.com.tr

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى «كەسىپ ئۆگىتىلىدىغان، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر جاي»، دەپ تەشۋىق قىلىشى داۋاملاشماقتا. ھەتتا خىتاي چەت دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەيئەتلەرنى ئەۋەتىپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

«خىتاي ئۇچۇر تورى» نىڭ 23-ئۆكتەبىر كۈنى بېسىلغان «خىتاي شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەيئىتى تۈركىيە ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرى خىتاينىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ مىسالى دەپ قارالماقتا. خەۋەردە مەزكۇر ھەيئەتنىڭ 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ۋە دېمىر ئۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە دېمىر ئۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسىتى، شىنجاڭ رايونىدا تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە بولغانلىقى ئېيتىلغان. ھەيئەت باشلىقى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا رايون تەتقىقاتى بۆلۈمى مۇدىرى شىن گۇۋاڭچېڭ «شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى تۈگۈنىدىكى رايون ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ رايوننى توغرا چۈشىنىشى، خىتاينىڭ ئىسلاھات سىياسىتىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ زىيارەت ھەققىدە دېمىر ئۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ھەيئەتنى مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ مۇدىرى سالىھ زەكى سارىدانىشمەت ئەپەندىنىڭ قوبۇل قىلغانلىقى، خەۋەر ئاگېنتلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇچرىشىشتا خىتاي ھەيئىتىنىڭ باشلىقى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ كۈچەيسە خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالىدىغان مەبلىغىنىڭمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركلەرگە ۋىزا جەھەتتە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى يېزىلغان.

خەۋەردە سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، «خىتاي ئۇچۇر تورى» دىكى خەۋەردە ئورۇن ئالغان «شىنجاڭ» تىلغا ئېلىنمىغان.

بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇئاۋىن رەئىسى ئېھسان توي ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ تەشۋىقات مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى، خىتايدا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسى يوقلۇقىغا ئائىت دوكلاتلىرىنى ئۆزلىرىگە بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىراز تەشۋىقات مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتتەك تۇرىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن 2 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا بەزى سىياسەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. ئۇلار بىزگە شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى، ئۇ يەردىكى ئەركىنلىك، ئازسانلىق مىللەتلەر توغرىسىدا تەييارلىغان 3 پارچە دوكلاتىنى بەردى. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي سالغان مەبلەغلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.»

ئېھسان توي ئەپەندى خىتاي ھەيئەتنىڭ لاگېر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى، بۇ زىيارەتتە گەرچە تۈركىيە بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتلەرمۇ ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تەشۋىقات مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «لاگېر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى. بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىۋاتقانلىقىنى دېدى. مەن شۇنى سورىدىم. لاگېر دېگەن نېمە؟ تۈركىيەدە بۇنى قىلسا قىلغان ئادەمنىڭ ئەقلىدىن گۇمانلىنىدۇ. مەن بۇنى دېگەندىن كېيىن خىتاي ھەيئىتى لاگېر مەسىلىسى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدى. مەن بۇ ئۇچرىشىشتىن شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كېلىپتۇ».

كېيىنكى كۈنلەردە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەكتە، مەزكۇر مەسىلىگە تۈرك رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىمۇ ئورۇن بەرمەكتە. خىتاي ھەيئەتلىرىنىڭ تۈركىيەدە بۇنداق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ تۈركىيەنى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ مەركىزى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇرۇندىن تارتىپ بۇنداق زىيارەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەمما ئۇلار ئويلىغاندەك تەسىرى بولمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارىتا، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ نورمالدا ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە كەلگىلى قويماي، تەشۋىقات ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېلىشى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقات ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.