تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش نامايىشى. 2018-يىلى ئىيۇن، ئەنقەرە.
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتى ئېلىپ بارغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش نامايىشى. 2018-يىلى ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ياشلار تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان، پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدىكى «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى»، ئۇيغۇرچە قىلىپ ئېيتقاندا «بىر غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان تەشكىلات» نىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زۇلۇمى ۋە ئىرقىي سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. «ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى 6-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاخىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققانىي كۆرۈشىنى قوللايمىز، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى، مەۋجۇدىيىتىنى قوغدايمىز»، دېدى.

ئۇ، تېلېۋىزىيە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقاتقان ئاۋازلىق باياناتىدا مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا سۆيۈنۈۋاتقان كۈنلىرىمىزدە ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملار يۈرىكىمىزنى داغلىماقتا. بۈگۈن ئۇلارنىڭ روزى تۇتۇشى، ناماز قىلىشى، ھىجابلىنىشى چەكلەنگەن، ئانا تىلدا سۆزلىشىشىمۇ چەكلەنگەن.»

ئۇ، باياناتىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «شەرقىي تۈركىستاندا سانسىزلىغان كىشىلەر تۈرمىلەردە تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا. كېيىنكى كۈنلەردە بەزى ئىسلام ئالىملىرى خىتاي تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دۆلىتى ‹قېرىنداش ئائىلە› نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەسكەش سىياسىتى بىزنى نومۇس قىلدۇرماقتا. بىزنىڭ روھىمىز، قەلبىمىز، دۇئايىمىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن بىللە».

ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى بۇنداق تەقىبلەش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، «بۇنداق پەسكەش سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ رامىزان ئېيىدا تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن خىتاينى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلدى. تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلاندى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بايان قىلدى.

ۋەھالەنكى، تۈركىيەدىكى «ئۈلكە ئوچاقلىرى»، «تۈرك ئوچاقلىرى» قاتارلىق بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنى، مىللىي ئايرىمىچىلىقى ۋە چەكلەش سىياسىتى، جۈملىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلغان بولىسىمۇ، شۇنىڭدەك تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ مەسىلىلەردە ماقالە ۋە ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرەپتىن ياكى تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىرەر ئىنكاسى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئەمما، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايغا ئۆزىنىڭ قاتتىق مەيدانىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ھازىر خىتايدىن مەبلەغ ۋە تېخنولوگىيە كۈتۈۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ 24-ئىيۇن كۈنى دۆلەت رەئىسلىك تۈزۈمىگە ئۆتىدىغانلىقىنى، سايلامدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىر نەرسە دېيىشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى كۆپ ساندا ئەزاسى بار ياشلار تەشكىلاتى «ئۈلكە ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى رەئىسىنىڭ بۇ باياناتىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما، بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئېيىبلىمەسلىكىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالدى.

ئۆتكەن ھەپتە 100 يىللىق تارىخقا ئىگە «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور مەمەت ئۆز ئەپەندى، «تۈرك ئوچاقلىرى» پولاتلى شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئىلخان دەرەكۆي ئەپەندىلەر ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن ئىدى.

«ئۈلكۈ ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى تۈركىيەدىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىگە ئەزا تەربىيەلەيدىغان ياشلار تەشكىلاتى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە شۆبىلىرى مەۋجۇتتۇر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت