ئەنقەرە شەھەر پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.09.18
Mahir-ozel.jpg ئەنقەرە شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ماھىر ئۆزەل ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2017-يىلى 15-سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

9-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان شەھەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ماھىر ئۆزەل ئەپەندى ئۇيغۇر، كەركۈك ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئۇ، قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرك خەلقى نامىدىن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز ئۇنىڭ نۇتقىنى تېلېۋىزىيەدىن ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، زىيارەت قىلدۇق.

پارلامېنت ئەزاسى ماھىر ئۆزەل ئەپەندى ئەنقەرە شەھەرلىك پارلامېنتتا 3 قېتىم «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»نى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن 4-5-ئايلاردىمۇ پارلامېنتتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختالدىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدىم. بۇ قېتىممۇ ئىراق كەركۈكتىكى، مۇسۇلدىكى، سۈرىيە ھالەپتىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدىم. بۇنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

ماھىر ئۆزەل ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە ئىراقنىڭ كەركۈك ۋە مۇسۇل ۋىلايىتىدىكى تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋە كەركۈكتىكى تۈركمەنلەرنىڭ مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئېغىر مەسىلىلىرىدۇر. بۇ ۋەزىيەت پۈتۈن تۈرك خەلقىنى قاتتىق رەنجىتمەكتە. بۇ مەسىلىلەرنى بىزنىڭ داۋاملىق ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىمىز. دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇشىمىز بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتىۋاتقان زۇلۇمنى، دەرد-ئەلەمنى قەلبىمىزدە ھېس قىلىۋاتىمىز».

بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەردە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى شەھەرلىك پارلامېنتتىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەكشۈرۈپ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ كوچىلىرىغا ۋە بەزى ئورۇنلىرىغا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ ئىسىملىرى، تارىخىي شەھەرلىرىنىڭ ئىسىملىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن تېخىچە ھېچكىمنىڭ ئىسمى قوبۇل قىلىنمىغان. ماھىر ئۆزەل ئەپەندى ئەگەر ئۇيغۇرلار بۇنداق تەكلىپلەرنى سۇنسا، شەھەرلىك پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئەلۋەتتە ئەنقەرەنىڭ باغچە، كوچىلىرىغا قويساق بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلار بەزى ئىسىملارنى تۇرغۇزۇپ ماڭا بەرسە مەن پارلامېنتقا سۇنسام بولىدۇ».

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيەدىكى «خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» مۇدىرى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئەنقەرە شەھەرلىك پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماھىر ئۆزەل ئەپەندىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، شەھەرلىك پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە شەھەرلىك پارلامېنت تەرىپىدىن كوچا ۋە باغچىلارغا تونۇلغان ئۇيغۇر شەخسلىرىنىڭ، قەدىمىي ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئەنقەرە شەھەرلىك پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماھىر ئۆزەل ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بەزى پىلانلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بايان قىلدى.

2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان ئىدى. 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپتىن چۈشۈپ قېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا 21 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن تۈرك ئاخباراتلىرىدا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايان قىلىنغان خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ سىياسىي پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ «خىتاينىڭ زۇلۇم قىلىشىغا تاشلاپ بېرىدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر قېرىندىشى يوقلۇقى»نى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «21 شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىزنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىش خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا خەۋەر چىقتى. مىليونلىغان سۈرىيەلىكنى بېقىۋاتقان تۈركىيە 21 قېرىندىشىمىزنى باقالمامدۇق؟ بىزنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بىرمۇ قېرىندىشىمىز يوق بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.