تۈرك ھۆكۈمىتى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.01.04
Enqerege-Yurush-2018-01.JPG تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار. 2019-يىلى 3-يانۋار. قىزىلجاھامام، تۈركىيە.
Rfa/Erkin Tarim

تۈرك ساقچىلىرى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر يول قالغاندا قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە توسۇۋالغان ئىدى.

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۈگۈن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت تاپشۇرماقچى ئىدى. ئەمما بۈگۈن تۈرك ساقچىلىرى ئەنقەرە شەھرىگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرمەيلا قالماستىن ئىككى ۋېكىلنىڭ تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت تاپشۇرۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىدى. ئىگىلىشىمىزچە بۇلارنىڭ دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا خەت تاپشۇرۇش تەلىپىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمىيەتلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئېلى ئەكبەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 9 ئۇيغۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىش شۇنداقلا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان بىر پارچە خەتنى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇش ئۈچۈن 15-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ئىدى. بۇلارنىڭ سانى يولدا قوشۇلغان ئۇيغۇرلار بىلەن 60 تىن ئاشقان. 3-يانۋار كۈنى ئەنقەرەگە 80 كىلومېتىر قالغان قىزىلجاھامام ناھىيەسىدە 20 دەك تۈرك ساقچىسى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇۋېلىپ، ماڭغىلى قويمىغان ئىدى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئەنقەرە قەتئىي كىرگىلى قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. . ئېلى ئەكبەر ئەپەندى بۇ جەرەيان ھەققىدە توختالدى.

دۇنيانىڭ قەيېرىدە ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمىز دېگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى 20 كۈندىن بېرى ئىستانبۇلدىن-ئەنقەرە پىيادە يۈرۈش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرە شەھرىگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرمەسلىكىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ تۈركىيە نېمە سەۋەبدىن رۇخسەت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن؟ ئەنقەرەدىكى ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ ئىھتىمال سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. 

ئېلى ئەكپەر ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر توسالغۇغا ئۇچرىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كۆڭلىنىڭ بەكلا يېرىم بولغانلىقىنى بايان قىلدى. 

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دەردىنى تۈرك جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىش يولىنى تاللىماقتا. ئېلى ئەكبەر ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلغان 3-گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بولۇپ، پىيادە يۈرۈش قىلىش ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۈنىملىك بولىۋاتامدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن چەكلىئىپلا قالماي باشقا يوللارنىمۇ تاللىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. 

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىش كارۋىنى ئەسلىدە 9 كىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، يولدا قېتىلغانلار بىلەن ئۇلارنىڭ سانى 4-يانۋار كۈنى 70 كە يەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.