پرېزىدېنت ئەردوغان «قەلبىنىڭ يېرىمىدا ئۈرۈمچىنىڭمۇ بارلىقى» نى تەكىتلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.03.12
rejep-tayyip-erdoghan-uyghur-toghrisida.jpg تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» نى قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 10-مارت، تۈركىيە.
AP

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ 11-مارت كۈنى ساكاريا ۋىلايىتىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا «قەلبىنىڭ يېرىمىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكى» نى، «ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىدى.

ئۇ، مىڭلىغان ئامما ئىشتىراك قىلغان قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ بېشىدا مۇنۇلارنى دېدى: «بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ يېرىمى ئىستانبۇل، دىيارباقىر، ئانتاليا، ئىزمىردە بولسا، يەنە يېرىمى خالەپتە، كەركۈكتە، قۇددۇستا، بۇخارادا ۋە ئۈرۈمچىدەدۇر. بىز يوزگاتنىڭ، ئەرزۇرۇمنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن قىرىمدىكى، كاۋكازىيەدىكى، تۈركىستاندىكى، ئافرىقىدىكى جەنۇبىي ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز. بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىۋاتىمىز».

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن تۈرك رەھبەرلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماس بولۇپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۇلار بۇ مەسىلىنى قايتىدىن تىلغا ئېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەم ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇلار پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۆز نۇتقىدا ئۈرۈمچىنى تىلغا ئېلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم تۈگىمىگۈچە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشى ياكى ياخشىلىنىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى بېرىشى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ماس كېلىدىغان بىر سىياسىي تۈزۈم ئورنىتىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقان دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتى مۇھىم. خىتاي دۆلىتى بۇنى چۈشىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. دۆلەت رەئىسىمىز خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم تۈگىسە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىدۇ دېمەكچى دەپ ئويلايمەن».

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 11-مارتتىكى نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

تۈركىيەدە 2019-يىلى 11-ئايدا دۆلەت رەئىسى سايلىمى بولىدۇ. سايلامنىڭ تەشۋىقات خىزمەتلىرى ھازىردىن تارتىپ ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ 2019-يىلىدىكى سايلامدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ رايىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بىر سۆزمۇ؟ بۇ ئېھتىمالنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ خىل باياناتلىرىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولسا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى پارتىيەسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ «ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىدى» دېگەن تەنقىدىگە جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق بېرىش يولى بىلەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بەرگەن باياناتىدىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.