تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز: «خىتاي تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.11.16
Olcay-Kilawuz.jpg تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز.
RFA/Erkin Tarim

15-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچىنچى چوڭ پارتىيە بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى 650 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە خىتاينى تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 650 پارلامېنت ئەزاسى ئىشتىراك قىلغان ئومۇمىي يىغىندا كۈنتەرتىپنىڭ سىرتىدا سۆزلەش ھەققى تەلەپ قىلغان ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. 

ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۇنيادا ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ئالدىنقى قاتارغا چىققان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ھازىر دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىسىگە ئايلاندۇردى. شەرقىي تۈركىستان پولات ئىشىكلەر بىلەن ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ، تەن جازاسى، قىرغىنچىلىق ۋە بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئۇرۇنىلىۋاتقان بىر جايغا ئايلاندى». 

پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، «جازا لاگېرلىرى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2017-يىلىدىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن لاگېرغا ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز سولانغان بولۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇلارغا بېسىم ۋە تەن جازاسى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇلار كىچىك بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ لاگېرلارغا سولاپ قويماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قېرىنداش ئائىلە› نامى ئاستىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىپپىتىگە نومۇسسىزلارچە چېقىلماقتا. خىتاي كادىرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە يېتىشقا مەجبۇرلىماقتا. ئىپپەتلىك ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا». 

ئۇ، خىتاينىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىنىمۇ خالىغانچە سولاپ قىيناۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە ئېكسكۇرسىيىگە كېلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار، ئۈمرە ۋە ھەجىگە بېرىش ئۈچۈن مۇقەددەس تۇپراقلارغا بارغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ تۇتقۇن قىلىنماقتا. ئەگەر ئائىلىسىدىن بىر كىشى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۇپايە بولماقتا. خىتاي تۈركىيەلىكلەر بىلەن توي قىلغان تۈرك ۋەتەندىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دىنىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى جازالىماقتا، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىنماقتا». 

پارلامېنت ئەزاسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە شۇنى دېمەكچىمىزكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن. خىتاي دۆلىتى، ئاساسىي قانۇنى بىلەن ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھەق ۋە ھوقۇقلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقىۋېتىشى كېرەك. تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قويۇلغان ساياھەت ۋە ئالاقە چەكلىمىلىرى دەرھال بىكار قىلىنىشى كېرەك. 2014-يىلىدىن باشلاپ خىتاي زىندانلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ۋىجدانى بولغان ئىلھام توختى دەرھال قويۇپ بېرىلسۇن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، بۇ مەسىلىلەرنى كۆزىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». 

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قەيەردە بىر تۈركىي مىللەت بولسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ لىدېرىمىز رەھمەتلىك ئالپارسلان تۈركەش دېگەندەك قەيەردە تۈركىي خەلق بولسا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ھەرگىز يالغۇز ئەمەس. ياشىسۇن ھەققانىي شەرقىي تۈركىستان داۋايىمىز».

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيە ئىدى. ئۇ، بۇ يىلقى دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقاچقا ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى تۈپەيلىدىن «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى. بۇ پارتىيىنىڭ 15-نويابىر كۈنى تۇنجى قېتىم بۇ مەسىلىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى «ھۆكۈمەتنىڭ يېقىندا بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى»، دېدى. 

يېقىندىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، مەزكۇر پارتىيىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ياۋۇز ئاغىرئالى ئوغلۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى گۈرسەل تېكىن ۋە خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسىدىن بولغان بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە پارلامېنتىدا «لاگېرلار» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.