«تۈركنىڭ قانىغان يارىسى» دېگەن يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى

0:00 / 0:00

25 - ئاپىرىل دۈشەنبە كۈنى كوجائەلىنىڭ گەبزە ناھىيىسىدە تۈركىيە مەمۇر - خىزمەتچىلەر ۋەخپى يەنى تۈركاۋ گەبزە شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈركنىڭ قانىغان يارىسى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر، ئەزەرىي ۋە تۈركمەنلەرنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سەركان دىنچتۈرك، ئەزەربەيجان بىرلىكى تەشكىلاتى باشلىقى ئاچىل سەمەتبەيلى، تۈركمەن ئېلى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى ساۋاش ئاۋجى، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۆلكىلەر خەلقئارا ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى باشلىقى گۈنگۆر ياۋۇزئاسلان قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە مەمۇر - خىزمەتچىلەر ۋەخپىنىڭ گەبزە شۆبە باشلىقى ئەخمەت ۋىجدان ئەپەندى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېقىتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاتىغان ئالتاي تاغلىرىنىڭ بۈركۈتى، قازاقلارنىڭ خانى ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. تۈرك مەۋجۇدىيىتىنى ۋە قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئىنساندەك ياشاش ھەق - ھوقۇقلىرى قوللىرىدىن ئېلىنغان، ئەمما دۇنيا جامائىتى ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كەلمىگەن بىر پاجىئەنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەم بولدۇق.»

يىغىندا سۆز قىلغان تۈركچە سۆزلىشىدىغان رايونلار خەلقئارا ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈنگۆرياۋۇز ئاسلان ئەپەندى جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ساھەسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خىزمەت سىستېمىمىز تاغلىق قاراباغدىن تۈركمەن ئېلىگىچە، شەرقىي تۈركىستان، قىرىمغىچە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاڭلىتىلمىغان دەردلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش.»



سەركان دىنچتۈرك سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۆتمۈش تارىخىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىنى، بىلدۈردى ۋە تارىخى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەمەلىي مىساللار كۆرسەتتى.

سەركان دىنچتۈرك شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ زەيتىنبۇرنۇغا ئولتۇراقلاشقان بىر قازاق ئائىلىنىڭ ئوغلىدۇر. ئۇ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، ھازىر مەركىزى زەيتىنبۇرنغا جايلاشقان قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ پائالىيەت كۆرسەتمەكتە.

يىغىندا سۆز قىلغان قازاق تۈركلىرى تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەركان دىنچتۈرك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، نوپۇسى ۋە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى توغرىسىدا توختالدى.

سەركان دىنچتۈرك شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىشغالى ئاستىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ 25% پىرسەنتىنى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار باقىمىز. خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ يۈزدە 40% پىرسەنتىنى شەرقىي تۈركىستان تەمىنلەيدۇ. كۆمۈرنىڭ يۈزدە 70% پىرسەنت ئېھتىياجىنى بىز بېرىمىز. يەر ئاستى بىر ھاكىمىيەت بار، تەك پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلەر ياشايدۇ. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى بار. خىتاي تۇغۇت چەكلەشنى بىكار قىلدى دەيدۇ ئەمەلىيەتتە بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچمەن خىتايلارغا رۇخسەت قىلىنغان بىر سىياسەت. شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مېنىڭ قازاق، ئۇيغۇر، ئۆزبېك قېرىنداشلىرىم خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ھېچ قانداق بىر زاۋۇت - فابرىكىلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايدۇ. بېيجىڭدا ۋە ياكى باشقا شەھەرلەردە ھېچ قانداق مېھمانخانىلار ياتاق بەرمەيدۇ.

سەركان دىنچتۈرك يەنە ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە چەتكە قېقىلىش، ئايرىمىچىلىق، كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلىشالماي نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى، خىتايدا چەكلەنگەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەركىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە نۇرغۇن ھەقسىزلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.