دوكتورلۇق پۈتتۈرگەنلەرگە تۈركىيەدە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.10.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dunya-uyghur-qurultiyi-turkiye-wekilliri-305.png تۇركىيەدىن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بارماقچى بولغان بىر قىسىم ۋەكىللەر
RFA/Erkin Tarim


تۈركىيەدە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى بىلەن ھەر خىل كەسىپلەردە ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئېھتىياجمۇ ئاشماقتا. شۇڭا، يېقىندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاپ، چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇردى.

قارارغا قارىغاندا، ئەگەر سىز «دوكتورلۇق» ئۇنۋانى ئالغان بولسىڭىز ياكى بىر يىل ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولسىڭىز ۋە تۈركىيەدە ئىشلەشنى خالىسىڭىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كومىتېتى بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدىكەن.

ياكى بولمىسا، تۈركىيە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تور بەت ئادرېسلىرىنى تېپىپ كىرسىڭىز، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى كۆرەلەيسىز.

www.uyguroku.com تور بېتىدىكى ئېلانغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەشنى خالىغان كىشىلەر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرجىمىھالىنى، تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى يېزىپ uyguroku@gmail.com ئادرېسىغا ئەۋەتسە بولىدىكەن. ئەگەر بىر يەردە ئىشلىگەن بولسا ئۇنىڭمۇ تەپسىلاتىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك ئىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە بۇندىن 15 يىل بۇرۇن 70 ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت بار ئىدى. يېقىنقى يىللاردا دۆلەت ۋە شەخسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بولۇپ، كۆپ ساندا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇلدى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە گېرمانىيەدە ئاچقان ئۇنىۋېرسىتېتىنى قوشقاندا تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سانى ئىككى يۈزگە يېتىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.