ئەمىلى فېڭ: «شىنجاڭدىكى باستۇرۇش - ئادەملەر نەگە كەتتى؟»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.08.07
emily-feng-uyghur-balilar-mesilisi.jpg «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى ئەمىلى فېڭ خانىم مەزكۇر گېزىتكە ئېلان قىلغان سۆھبەت پروگراممىسىنى تۋىتتېردا باشقىلارنىڭ ھەمبەھىرلىگەن.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» ۋە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەر ھەققىدە مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتقان ئەمىلى فېڭ ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتكەن «شىنجاڭدىكى باستۇرۇش-ئادەملەر نەگە كەتتى؟» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسىدە رايوندىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە يەنە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ خەۋىرىنى مۇنداق باشلىغان:

«ئالدى بىلەن دىققىتىڭىزنى تارتىدىغىنى بۇ يەردىكى جىمجىتلىق. ئاندىن كوچىلاردىكى دۇكانلارنىڭ ئىشىكىگە يانچە قىلىپ چاپلانغان ئاق قەغەزلەر. ئۇلار كۆزىڭىزگە خۇددى بۇ دۇكانلارنى بىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە تاشلاپ چىقىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ قەغەزلەرگە يېقىن بېرىپ قارىغىنىڭىزدا ئاندىن قەغەز ئۈستىگە يېزىلغان بىر قاتار نومۇرلارنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىسىز. ئۇنداقتا، شىنجاڭغا خوش كېلىپسىز، گېرمانىيەدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بۇ زېمىن ئىنتايىن مۇھىم يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە، بۇ زېمىن خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم گاز زاپىسى، كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمى، نېفىت بايلىقىنىڭ بەشتە بىرىگە ئىگە زېمىن بولۇپ ئۇ ھەم خىتاي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ جان تومۇرى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، ئۆتكەن ئىككى يىلدا بۇ زېمىن خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ يوشۇرۇن باستۇرۇشلىرىغا سەھنە بولدى. ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يۈزمىڭلىغان كىشى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىندى.»

ئەمىلى فېڭ ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى بىر توسالغۇ دەپ قارايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قىسقا مۇددەت بولسىمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بولۇشىدەك ئامىللارنىڭ بېيجىڭنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. 
خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ پۈتكۈل رايوندا دىجىتال (سىفىرلىك) بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇپ چىققانلىقى، يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، نۇرغۇن كىشىنىڭ تېلېفونىدىكى چەكلەنگەن مەزمۇنلار سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغانلىقى بايان قىلىنغان. قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇر ئايال مۇخبىرغا: «نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ئەرلەر ئاتالمىش 913-نومۇرلۇق جىنايەت بىلەن تۇتۇلۇپ كەتتى. يەنى، تېلېفونىدا قانۇنسىز مەزمۇن بار دېگەن جىنايەت» دېگەن.

ئەمىلى فېڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «خىتاي دۆلەت ئاخباراتى شىنجاڭدىكى بۇنچە زور ساندىكى ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇش مەسىلىسىنى يوشۇرۇپ ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق چاپان ياپتى. مەسىلەن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋازى بولغان ‹خەلق گېزىتى› خەۋەر تارقىتىپ دۆلەتلىك نامراتلارنى يۆلەش پروگراممىسىغا ئاساسەن 2018-يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى 461 مىڭ كىشى يۆتكەپ تەربىيەلەندى، دەپ خەۋەر تارقاتتى. بىز بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى». 

دەرۋەقە يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتلاردا كۈچلۈك ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «خەلق گېزىتى» ۋە «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق ئاخباراتلىرى ئارقىلىق غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى چىقىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىلىق خەۋەر ۋە تەنقىدلەرگە جاۋاب قايتۇرغان ئىدى. ماقالىدە، «ئىسلامى تەربىيە قۇرۇلۇشلىرى»، «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دېگەن بىرقانچە خىل ئاتالغۇ ئىشلىتىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنى «كىشىلەرنى توغرا سىياسىي ئىدىيە ۋە ئەخلاق بىلەن قوراللاندۇرۇپ رەزىل كۈچلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا قارىتا تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن» ئىكەنلىكى، بۇنىڭ «پۇقرالارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتىن توسىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بولسا خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنىڭ ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ ئورۇنلارنىڭ ‹قايتا تەربىيە مەركىزى› ياكى لاگېرلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما بۇ پۈتۈنلەي خاتا. ئۇلار بۇ ئورۇنلاردىكى ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىشتىن، مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىدىن، بېسىم ۋە تەن جازاسىدىن ۋە ھەتتا ئۇ يەرلەردە يۈز بېرىۋاتقان ئۆلۈم ۋەقەلىرىدىن سۆز ئاچمايدۇ. دائىرىلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوللىنىۋاتقىنىدەك بىر پاكىتنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ لاگېرلارنى ‹قايتا تەربىيە› ئەمەس بەلكى ئامېرىكىلىقلار ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان ‹يىغىۋېلىش لاگېرى› دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتاش بەكرەك توغرا» دېدى. 

ئەمىلى فېڭ «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» دىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ لاگېرلارغا كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئاددىي بىر سەۋەبلەر بىلەن قامىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن چەتئەلنى ساياھەت قىلغان، ئائىلە ئەزالىرى چەتئەلدە ياشايدىغان ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. تۈركىيەدىكى ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئىككى ئىنىسىنىڭ گۇاڭجۇغا بارغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ مۇخبىرغا: «بىز ئۇلارغا بېكىتىلگەن جىنايەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز. بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئىچكىرىگە بارغانلىقى ھەققىدە سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن مەخپىي ھالدا كېسىۋېتىلگەن» دېگەن. 

ئەمىلى فېڭ ماقالىسىدە يەنە تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى قۇپقۇرۇق كوچىلار بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا قانچىلىك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. لياۋنىڭدىن كېلىپ ئۈرۈمچىگە يەرلەشكەن دوڭ فامىلىلىك بىر خىتاي سودىگەر ماڭا: ‹بۇ يەردە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بەك ئېغىر. خىزمەتكە كىرىپ ئىشلەيدىغان ئادەم يوق، نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان ئادەم يوق. ئويلاپ بېقىڭ شۇنچە جىق ئادەمنى يوقىتىۋەتسىڭىز قانداق بولماقچىدى› دېدى. تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشى ئۈچۈن بىر قانۇنىي سوت تەرتىپى مەۋجۇت ئەمەس. نۇرغۇنلار بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بىر كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلىرى ئۆزى بىۋاسىتە كېپىللىك قىلىشى كېرەك ۋە بۇمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال. ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ ‹ئۇ يەردە ئۆگىتىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارنى رازى قىلغۇدەك ئۆگىنىپ چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس› دېدى. ئۇنىڭ جىيەنىنى ساقچىلار 3-ئايدا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قايتۇرۇپ ئەكېتىپ تۇتقۇن قىلغان ئىكەن». 

ئەمىلى فېڭ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلى پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان قايناق سودا ئالاقىلىرى توختاپ قالغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن تىجارەت قىلىدىغان قايناق بازارلارنىڭ چۆلدەرەپ، دۇكانلارنىڭ تاقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. 

ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلار دەرھال ئاياغلاشمىغان تەقدىردە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئاقىۋەتلىرى بار. ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئېتنىك تازىلاش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. قىسقا مۇددەتتىن ئالغاندا، بۇ لاگېرلار قانۇنسىز ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر سولاندى بۇ لاگېرلارغا، بۇ لاگېرلار ھەققىدە بىزگە قاراڭغۇ بولغان ئىنتايىن كۆپ نۇقتىلار بار. بۇ لاگېرلارنىڭ قانداق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەنلىكى بىزگە قاراڭغۇ. شۇڭا لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكى جىددىي بىر خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا. شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەر دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بۇ لاگېرلارنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى. 

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» دىكى بۇ ماقالە ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈنئىي ھالدا ئۇيغۇر-خىتاي ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان ۋە سىناق تەرىقىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېزىسى» ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ساقچىلار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان يېزىنىڭ ھازىر 1000 نەپەر تۇرغۇنى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى ئۇيغۇر، يېرىمى خىتاي ئىكەن. ئەسلىدە 5000 كىشىنى سىغدۇرغۇدەك قىلىپ سېلىنغان بۇ مەھەللە ئاساسەن بوش ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقىنى ھەم ئارزۇ قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە بۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنلىرىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمىگەچ ئارىلىشىپ ئۆتمەيدىكەن. ئەمما ئەمىلى فېڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پاكىتنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئەكسىچە بۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېزىسى» نىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي دۆلەتلىك تاماكا زاۋۇتىنىڭ قوللىشىدا «جىنيې» ۋە «يۈنيې» ناملىق ئىككى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېزىسى» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.