بلۇمبېرگ گېزىتى: «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى زور ساقچى دۆلىتى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى زور ساقچى دۆلىتى» ماۋزۇسىدىكى ماقالىسى. 2019-يىلى 24-يانۋار.
بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى زور ساقچى دۆلىتى» ماۋزۇسىدىكى ماقالىسى. 2019-يىلى 24-يانۋار.
Bloomberg.com

ئامېرىكادىكى بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پىتىر مارتېن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن ۋە قورغاس قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ 10 كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا كۆرگەنلىرىنى 24-يانۋار كۈنى «خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدىكى زور ساقچى دۆلىتى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلغان.

ئۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر داڭلىق زىبۇزىننەت دۇكىنى خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈندە ئىككى نۆۋەت ئوق ئۆتمەس پىنجەك كىيىپ، قوللىرىغا ئۇزۇن توقماق ۋە قالقانلارنى ئېلىپ بولغۇسى ھۇجۇملارغا قارشى مەشىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نىشانىنىڭ زىبۇزىننەت بۇلاڭچىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ مانېۋىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن باشلىغان.

ئۇ بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزى زىيارەت قىلغان قەشقەر، قورغاس قاتارلىق باشقا جايلاردىمۇ كۆرگەن. ئۇ ماقالىسىدە يۇقىرىدىكىدەك قاتتىق نازارەت تەدبىرلىرىدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن رايوندىكى خىتايلارنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى يېقىندىن كۆزەتكەن. 

پېتىر مارتېن زىيارىتى داۋامىدا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بۇ سىياسەتلەرنى خىتايلارنىڭ ئاساسەن قوللايدىغانلىقىنى بايقىغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان زىبۇزىننەت دۇكىنى يەنى «ياۋا ئات» تىجارەت گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى دۇ شۆمېي ئىسىملىك خىتاي كىشى مۇخبىرغا: «بۇ خۇددى سىزنىڭ گەپ ئاڭلىمايدىغان، كەپسىز بالىڭىز بولغاندەكلا بىر ئىش. ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا ياخشى بىلەن ياماننى ئۆگىتىشى كېرەك» دېگەن. 

ئۇ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر ھاڭ بارلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك «كاللىسى ئاددىي ۋە ئاسانلا رادىكال ئىدىيەلەرگە ئىشىنىپ كېتىدىغان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزدا پېنسىيىگە چىققان 69 ياشلىق سەي فامىلىلىك بىر خىتاي كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلچىلىكمۇ ھېسداشلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ «نامرات، قالاق، تاشلاندۇق» جايلىقىنى ئېيتىپ: «ئۇيغۇرلار ئەسلىدە جۇڭگونىڭ ئۇلارغا قىلىپ بەرگەنلىرى ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشى كېرەك. بىز ئۇلارغا يول ياساپ بەردۇق، ئۆي سېلىپ بەردۇق، مەكتەپ سېلىپ بەردۇق. ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەت ۋە پارتىيىگە قىلچىلىك رازى بولۇشنى بىلمەيدۇ» دېگەن. 

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ سۆزلەشكەن ھەممە خىتايلار يۇقىرىدىكى سەي فامىلىلىك خىتايغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى «سادىق ئەمەس» دەپ قارايدىكەن ۋە شى جىنپىڭنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش «تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىياسىتىنى توغرا، دەپ قارايدىكەن. ئەمما مۇخبىر پېتىر مارتېن ماقالىسىدە، «بۇ خىتايلارنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئويلايدىغانلىقى ياكى پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىنى يادلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىنى» ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

بىراق، خىتايلارنىڭ ئەكسىچە رايوندىكى ئۇيغۇرلار بۇ چەتئەللىك مۇخبىر بىلەن سۆزلىشىشتىن قورققان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن سوئال سورىسىلا ئۇلار «ھەممە نەرسە ياخشى» دەپلا ئامال بار ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان. 

ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلغان: «ئۇيغۇرلار داۋاملىق ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىش خەۋپى ئاستىدا ياشايدىكەن. ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى كوچىدا خالىغانچە توختىتىپ ئۇلارنىڭ نەگە، نېمە ئۈچۈن ماڭغانلىقىنى سورايدىكەن. ھەممە يەردە مېتال تەكشۈرگۈچى ئۈسكۈنە، يۈز تونۇش سىستېمىسى، كىملىك كونترول قىلىش ئورۇنلىرى باركەن. ھەممىلا يەردە ھەتتا ھاجەتخانىدىمۇ نازارەت كامېرالىرى باركەن. مەن بىر مەسچىتنىڭ ئۆزىدىلا 40 كامېرانى ساناپ چىقتىم. مەسچىتكە كەلگەن ئادەم ناھايىتى ئاز ۋە مەن پۈتكۈل زىيارەت داۋامىدا بىرەر قېتىممۇ ئەرزان ئاۋازى ئاڭلاپ باقمىدىم».

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى خېنرىي شاجېسكى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تېخى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە بىر قىسىم مۇخبىر ۋە دىپلوماتلارنى تەشكىللەپ ئاپىرىپ زىيارەت قىلدۇرۇپ ھەممە نەرسىنىڭ نورماللىقىنى تەشۋىق قىلغان بىر مەزگىلدە پىتىر مارتىننىڭ رايوندىن بىۋاسىتە تەييارلىغان بۇ زىيارەت خاتىرىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە: «بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەممىلا يەرنى قورقۇنچ قاپلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ھەتتا خىتايلارنىڭ چېغىدا راست گەپ قىلىۋاتقانلىقى ياكى قىلمايۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار راستنى سۆزلىگەن تەقدىردە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق» دېدى. 

دەرۋەقە مۇخبىر ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ قورقۇپ كەتكەنلىكى ۋە بۇنداق بولۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەبى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. ئۇ خوتەنگە بارىدىغان پويىزدا كۆرگەنلىرىنى مىسال قىلغان. ئۇ پويىزدا ئولتۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ پويىز ساقچىلىرىنى كۆرسىلا جىددىيلىشىپ، بېشى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھەتتا بالىلىرىنىمۇ جىملايدىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پويىز ساقچىلىرى مۇخبىر ئولتۇرغان ۋاگونغا كىرىپ ئۈستىگە قويۇلغان يۈك-تاقلارنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ: «سومكاڭنى چۈشۈر»، «ئىچىنى ئاچ»، «بۇ نېمە؟» دەپ ۋارقىراپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان ۋە كېيىن بىر ياش ئۇيغۇر قىزنى سوراق قىلىش ئۈچۈن باشقا ۋاگونغا ئېلىپ كەتكەن.  ئۇ، بۇ چاغدا قورقۇپ كەتكەن كىچىك بالىلارنىڭ يىغلاشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلغان. 

پىتىر مارتېن خوتەنگە يېتىپ بارغاندا بىر ئۇيغۇر كىشىگە پويىزدا كۆرگەنلىرىنى ئېيتقىنىدا ئۇ كىشى ناھايىتى جىددىيلىشىپ تۇرۇپ: «3 يىلدىن بېرى ھەر كۈنىمىز مۇشۇنداق ئۆتۈۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ: «ئۇ يەرگە ئەپ كېتىلگەنلەر ئاز دېگەندە 2 يىل يېتىۋاتىدۇ. دەسلەپتىكى بىر-ئىككى يىل چىداپ كېتىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن چىدىغىلى بولمايدىكەن» دېگەن. 

ئاپتور قورغاس ۋە قەشقەردىكى زىيارىتى داۋامىدىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق نازارەتلەرنى، ھەممىلا يەرگە يېغىپ كەتكەن ساقچىلارنى كۆرگەن. ئەلۋەتتە بۇ يەرلەردە ئۇنىڭ كەينىگە ساقچى ۋە تەشۋىقات خادىملىرى كىرىۋالغان. قەشقەردە ئۇ ئۆزىنىڭ كەينىگە جەمئىي 7 بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ كىرىۋېلىپ، ئۆزىگە ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغان. 

پىتىر مارتىننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى داۋامىدا ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغان نەرسە بولسا ھەممىلا كىشىنىڭ بىر نەرسىلەرنى خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى بولغان. ئۇ ھەتتا خىتايلاردىمۇ مۇشۇنداق كەيپىياتنى بايقىغان بولۇپ، كىمنىڭ راست گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشنىڭ ئىمكانسىزلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خېنرىي شاجېسكى ئەپەندى سۆزىدە بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ: «رايوندىكى خىتايلارمۇ ئۆزىنىڭ خاتا گەپ قىلىپ قويسا جازالىنىدىغانلىقىنى بەش قولدەك بىلىدۇ. ئۇ يەردە ھېچكىم خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى خاتا بولدى، دەپ تەنقىد قىلالمايدۇ. بىز بۇ مۇخبىر كۆرۈشكەن نۇرغۇن خىتايلارنىڭ سۆزىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ خۇددى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىغىلا ئوخشايدۇ» دېدى. 

مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا يەنە مۇنداق بايان قىلغان: «بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەندە مەن كەينىمگە چۈشكەنلەر يوق ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، بىر كافېخانىغا كىردىم. بىر خىتاي ئايال كۈتكۈچى يېنىمغا كېلىپ مېنىڭ چەتئەللىكلىكىمنى كۆرگەندىن كېيىن جىددىيلىك ئارىلاش كۈلۈشكە باشلىدى ۋە ‹قورقۇپ ئۆلەيلا دېدىم، مەن تېخى سىزنى بىزنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمىزنى تەكشۈرگىلى كەلگەن ساقچى ئوخشايدۇ، دەپتىمەن. قوغدىغۇچىلار ھازىر يوقتى. ئەگەر ساقچىلار كۆرگەن بولسا ھەممىمىزنى مەھەللە بىخەتەرلىكىنى ئۆگىنىدىغان كۇرسقا ئەۋەتىۋەتكەن بولاتتى› دېدى.»

ئاپتور بايانىنىڭ داۋامىدا، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىدىن نارازىلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بۇ رايوننى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بايان قىلغان. بىراق ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈنسايىن زورىيىۋاتقان خىتاي نوپۇسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ۋە ئون يىل بۇرۇن خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن بىر خىتاي ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى مىسال كەلتۈرگەن. ھازىر ئۇ ئايالنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىككى ھاراق دۇكىنى بار ئىكەن. ئۇ خىتاي ئايال مۇخبىرغا: «بىز بۇ يەرگە دەسلەپ كەلگەندە، ئۇيغۇرلار بىزگە بۇ دېگەن بىزنىڭ زېمىنىمىز، بىز سىلەر خىتايلارنى بۇ يەردە كۆرۈشنى خالىمايمىز، دەيتتى. ئەمما ھازىر ئىشلار ئۆزگەردى» دېگەن. ئۇ شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەپ: «مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن، ھازىر بۇ يەردە خىتايلار بەك جىق، ناھايىتى بىخەتەر بولۇپ كەتتى» دېگەن.

مۇخبىر ماقالىسى داۋامىدا، رايوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن قارشىلىشىش ئورنىغا خىتاي تەرەپتە تۇرۇشنى تاللىغانلىقىنى، ئۆزىگە ئەگىشىپ يۈرگەن ساقچى ۋە تەشۋىقات خادىملىرىنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. بىراق ئۇ ئاشۇنداق دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ لاگېرغا ئەۋەتىلىشتىن تامامەن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تونۇشۇپ، پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بىر جۈپ ئۇيغۇر ياش بىلەن بولغان سۆھبىتىنى مىسال كەلتۈرگەن. مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر جۈپ ياش ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇرلارغا بېرىلىدىغان ناھايىتى ئاز پۇرسەتلەردىن بەھرىمەن بولغان، دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلار ئىكەن. ياش ئۇيغۇر يىگىت مۇخبىرغا: «ھەممە ئۇيغۇرلار بىر ئىش قىلىپ قويۇپ بالاغا قالامىزمۇ، دەپ قورقىدۇ» دېگەن. بىراق ئۇ ئارقىدىنلا يەنە شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى ياقىلىغاندەك قىلىپ: «بىر ئويلىسىڭىز لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلۈشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بىراق ئۇلارغا ئىككىنچى قېتىم پۇرسەت بېرىلدى» دېگەن. ئۇنىڭ قىز دوستىمۇ مۇخبىرغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر بىناغا كىرگەندە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىدىن نارازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «بۇ بەكمۇ چوڭ بىر مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. ھەر قېتىم شۇنداق قىلغاندا شۇنداق بىئارام بولىمەن. خۇددى ھەممىمىز ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدىلىۋاتقاندەكلا» دېگەن. مۇخبىر بۇ قىز بىلەن بولغان دىئالوگىنى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلىگەن: «ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپلا ئۆزىنى دەرھال تۇتۇۋالدى. خۇددى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردەك سۆزىنىڭ ئورامىنى ئۆزگەرتىپ شى جىنپىڭنىڭ سىياسەتلىرىنى ياقلاشنى باشلىدى-دە، ‹ئۇلارنىڭ لاگېردا بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار رادىكال ئىدىيەلەر بىلەن يۇقۇملانغان. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بەك ئارقىدا قالغان. ئۇلار ئۆگىنىشى كېرەك›، دېدى.» 

خېنرىي شاجېسكى يۇقىرىدا مۇخبىر زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنى ھىمايە قىلىپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىنىڭ خۇددى تەشۋىقاتلارنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە «بۇنداق تەپەككۇر قىلىدىغان بىر جەمئىيەتنى ساغلام جەمئىيەت ۋە ساغلام كىشىلەر، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ يەردە مۇقەررەر بولغان بىر نەرسە بار دېيىلسە، ئۇ بولسىمۇ رايوننى قاپلىۋالغان قورقۇنچتىن ئىبارەت» دېدى. 

پىتىر مارتېن زىيارەت خاتىرىسىدە: «مەن شىنجاڭدىكى 5 شەھەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردىكى قاتتىق سىياسەتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ھالدا تۈزەشتىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېگەن. 

بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى پىتىر مارتېن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنىڭ ئاللىقاچان خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە يېيىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىدە پۈتۈن مەملىكەتنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت