«دېموكراتىيە شۇئان» پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.07
lager-sim-tosuq-dawanching.jpg ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ بىر ياندىن كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر، داۋانچىڭ.
REUTERS

ئامېرىكىدىكى «دېموكراتىيە شۇئان» ناملىق مۇستەقىل خەۋەر ئورگىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر ئىشلەپ تارقاتتى. مەزكۇر پروگراممىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلەشنىڭ ئاجىز كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايەت» دەپ شەرھىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىش يەنىمۇ كۈچەيدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېت چارشەنبە كۈنى جەنۋەدە «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى بۇ يىل 8‏-ئايدا قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا بولغان جىددىي ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 13 دەك دۆلەت ۋە شۇنداقلا ب د ت نىڭ بىر گۇرۇپپا ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى خىتايغا بېسىم قىلغان. مەن بۇرۇن تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك بىز بۇ رايونغا كىرىپ، بىز تاپشۇرۇۋالغان ئەندىشە قىلارلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز» دېگەن ئىدى. 

ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل خەۋەر ئورگىنى بولغان «دېموكراتىيە شۇئان» ئۆزىنىڭ 6-دېكابىر كۈنىدىكى پروگراممىسىدا ب د ت ئەمەلدارىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەتتىن قالسا يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلار پروگراممىسىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى، ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى ۋە ئىككى مىليونغىچە كىشى قامالغان لاگېرلارنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. روشەن خانىم ئۆزىنىڭ ھاممىسى ۋە ئاچىسىنىڭمۇ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلىغان كىشى قاتارىدا لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئېيتتى. روشەن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەش ئورنى» دەپ ئاتىسىمۇ ئەمما ئۆز ھەدىسىنىڭ خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان، پېنسىيەگە چىققان بىر دوختۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقىنىنىڭ يالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. 

ئارقىدىن پروگرامما رىياسەتچىسى روشەن خانىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. روشەن خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دېگەن زېمىننىڭ ئىگىلىرى. ئەمما بۇ زېمىن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېڭى چېگرا دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. 1949-يىلىدىكى كوممۇنىست ئىشغالىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مىللەت بويىچە ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يەرلىك مىللەتچى، بۆلگۈنچى، ئەكسىلئىنقىلابچى دېگەن ناملار بىلەن جازالاپ كەلدى. ئەمما 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىشقا سېلىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى جازالاپ كەلدى» دېدى. 

روشەن خانىم ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇش، ھالال تاماقلارنى يېيىش ۋە قۇرئان ئوقۇشتەك ئەڭ ئاساسىي دىنى ھوقۇقلىرىنىڭمۇ جىنايەت قاتارىدا مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىر يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى ئارقىلىق مۇتلەق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ ھازىر ئۇلارنى نازارەت قىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرى بارلىقىنى ئېيتتى. 

مەزكۇر پروگراممىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن گۇۋاھلىقىغىمۇ ئورۇن بېرىلىپ، لاگېرلاردا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈزۈم ۋە ئىسكەنجىلەر چۈشەندۈرۈلدى. روشەن خانىم بولسا بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ لاگېردىكى بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر ھەر كۈنى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئىكەنلىكىنى، ھازىر خۇددى مېھرىگۈل تۇرسۇنغا ئوخشاش لاگېردا يېتىپ چىققان باشقا گۇۋاھچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئەمدى «سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ: «رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا رەھبەرلەر ۋە جامائەتنى بۇنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال بۇ مەسىلىگە قول تىقىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

پروگرامما رىياسەتچىلىرى پروگرامما داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقى، ئەكسىچە رايوندا تېررورلۇق ۋە رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەرنى تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. رىياسەتچى ئارقىدىن روشەن ئابباس خانىمدىن ئەينى ۋاقىتتا گۇئانتاناموغا تۇتۇپ ئاپىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. روشەن خانىم گۇئانتاموغا ئاپىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن قولىدا ۋىزىسى بولمىغانلىقتىن ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا تۇرۇپ قالغان كىشىلەرلىكىنى، قىسقىسى، ئۇلارنىڭ خاتا ۋاقىتتا، خاتا ئورۇندا بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرى ئاقلىنىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

روشەن خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىككى مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر لاگېرغا قامىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارانچۇقسىز قالغان بالىلىرىنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېتىمخانىلارغا ئاپىرىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي تىلى بىلەن تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ، رايوندىن بىۋاستە ئۇچۇر ئېلىش ئىنتايىن قېيىن بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر 500مىڭدىن ئوشۇق يېتىم بالىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا تەشەككۈرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ پەقەتلا تىجارەت ۋە سودا جازالىرى مەسىلىسى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. 

ئاخىرىدا، پروگرامما رىياسەتچىسى روشەن ئابباس خانىمدىن «بەزىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنداق ۋەزىيەتكە ئۇنىڭ مول نېفىت ۋە تەبىي گاز زاپىسىدىن بولغان، دەپ قارايدىكەن. ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. روشەن خانىم بۇنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ زور نېفىت، تەبىي گاز ۋە پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش ۋە ئۇلارنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ زېمىننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.