خىتاي ب د ت دا «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» ھەققىدە سۇنغان تەلىپىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.06.01
dolqun-eysa-bdt.jpg دولقۇن ئەيسا ب د ت يىغىنىدا
RFA/Erkin Tarim

ب د ت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى كېڭىشىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتى 30‏-ئاپرېل خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ‏- «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويغان. مۇزاكىرە نەتىجىسىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن خىتاي مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە سۇنغان تەلىپىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ چارشەنبە كۈنى ب د ت ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قايتۇرۇۋالغانلىقى» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ تەلىپىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىل 25‏-ئاپرېل نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ۋاكالەت بەرگەن. 

خىتاي تەرەپ يىغىننىڭ دەسلەپكى كۈنى ئۇنىڭغا كاشىلا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدە يىغىنغا قاتناشقان. بۇ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ب د ت غا ئەرز قىلغان. خىتاي تەرەپ ئەرزىدە دولقۇن ئەيسانى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەپ، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ 25 يىلدىن بېرى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوللاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئەگەر بىزگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ئاۋازى بوغۇلسا، بۇ ب د ت نىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ» دېيىلگەن. ب د ت نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىنىدا خىتاي ۋەكىلى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىنى تەقىب قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرېخ دېلىئۇس پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ بىر يىل ئۇلار ئۈچۈن مۇشەققەتلىك بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇلرېخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىزنىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىمىزنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالدى. لېكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ جەنۋە ۋە باشقا جايلاردىكى ھەرىكىتىمىزنى يېقىندىن تەقىب قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار. بىزگە شۇنىسى مەلۇمكى، ئۇلارنىڭ بېسىمى كۈچىيىدۇ. ئالدىمىزدىكى بىر يىل نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا نىسبەتەن مۇشەققەتلىك بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.» 

لېكىن ئۇلرېخ دېلىئۇس يەنە ئەسكەرتىپ بۇ بېسىم ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە دەخلى يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ۋاز كېچىش خىيالىمىز يوق. بىز بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. بىز ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى شۇنداقلا خىتاي ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى جازالىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنى قىلىمىز. ئەگەر خىتاي بۇ پاراكەندىچىلىك ئارقىلىق بىزنى يولىمىزدىن ۋاز كەچتۈرىمەن دەپ ئويلىغان بولسا، دېمەك، ئۇ خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھېچ چۈشەنمەيدۇ. بىزنىڭ پۇلىمىزنى ھۆكۈمەت ياكى بىرەر شىركەت بەرمەيدۇ. بىز كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىز ئۈچۈن 25 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىمىز. بىز بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ھازىرقىدىن تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز.» 

خىتاينىڭ ب د ت دا «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» غا كاشىلا چىقىرىپ، ئۇنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرى كېڭىيىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت دىكى ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا «ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى تەسىرى داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدۇ. ئاممىۋى تەشكىلاتلار كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈنلا جىمىقتۇرۇلماسلىقى كېرەك،» دېيىلگەن. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ب د ت ئورگانلىرىنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دالالەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ قېتىمقى بىزنىڭ مەسىلىمىزدە ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رولى ناھايىتى زور بولدى. دېمەك، دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈن ‹توختاپتۇر، بىز جىددىي ھەرىكەت قىلمىساق، ب د ت نىڭ ئورگانلىرى بەزى مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ خالىغانچە سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ئايلىنىپ قالىدىغان بىر ئورگان بولۇپ قالىدۇ،› دەيدىغان شەكىلدە ئۇيقۇسىنى ئېچىشقا سەۋەب بولدى دەپ ئويلايمەن. لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭغا قارار بېرىدىغانلار دۆلەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ناھايىتى نۇرغۇن مەجبۇرىيەتلەر چۈشىدۇ. بىز ئالدىمىزدا بۇ دۆلەتلەرنى خىتايغا ئوخشاش ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دالالەت قىلىمىز.» 

دولقۇن ئەيسا خىتاي تەرەپ چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاراتقان ئەيىبلىشىنى ھەقلىق قىلىپ چىقارغۇدەك ھېچقانداق بىر دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ يولسىز تەلىپىنى ئامالسىز قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بولسۇن ياكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسۇن، بۇ مەسىلىدە كۆپ ھەمكارلىقلارنى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە بۇ كومىتېت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى ‹تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى› نى ئەيىبلىشى بولسۇن، مەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئەيىبلىشى بولسۇن، مەيلى مېنىڭ شەخسىيىتىمنى ئەيىبلىشى بولسۇن پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ پىكرى بۇ يەردە قوللاشقا ئىگە بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي چېكىنىشكە توغرا كەلدى.» 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ب د ت نىڭ يىغىنىدا دولقۇن ئەيسانىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى يوقلىغىنى، دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىنىغا «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ نامىدا قاتنىشىپ، يىغىندا د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن سۆز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ گېرمانىيە پۇقراسى ۋە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. 

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ۋولفگاڭ مايرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ئاممىۋى تەشكىلاتلار ب د ت دا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىغا موھتاج،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.