خىتاينىڭ گېرمانىيەدىن جاسۇس قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.11
linked-in-xitay-jasus.jpg خىتاي خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئىشلىرىدا ئاكتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
Photo: RFA

گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىستىغبارات ئورگانى بولغان «ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى» يەكشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە سىياسەتچىلىرىنى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ خەلقئارا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى جاسۇسلۇق ھەركەتلىرىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە «ئاساسى قانۇننى قوغداش ئىدارىسى» نىڭ دوكلاتىدا خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ لىنكىدئىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ساختا ئىسىم بىلەن ھېساپ ئېچىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە سىڭىپ كىرىشكە، گېرمانىيەلىك سىياسەتچىلەر ۋە ئەمەلدارلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ گېرمانىيە ئىستىغبارات ئورگانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇق ھەركىتىگە دائىر ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى ساختا تور ھىساپلىرىنى ئاشكارلىشىدۇر.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيە ئىچكى ئىستىغبارات ئىدارىسى 9 ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاي جاسۇسلۇق خادىملىرىنىڭ لىنكىد‏ئىن، ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق 10 مىڭدىن ئارتۇق گېرمناىيە گراژدانى بىلەن ئالاقە قۇرغانلىقىنى ئېنىقلىغان. دوكلاتتا، خىتاي جاسۇسلۇق خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايدىكى مەلۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، مەسلىھەتچى، تەتقىقاتچى ياكى مەلۇم بىر ئىشنىڭ پېشىدىكى جاھانساز، دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارغا خىتاينى زىيارەت قىلدۇرۇش، ئاتاقلىق كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇش دېگەن تەكلىپلەرنى سۇنىدىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارڭنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، «خىتاي ئىستىغبارات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتى لىنكىدئىنغا ئوخشاش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، بۇ خىل تاراتقۇلار ئۇلارنىڭ ئۇچۇر يىغىش ۋە ئىستىغبارات توپلاش، تور قوللانغۇچىلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، خاراكتىرى، سىياسىي قىزىقىشىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشتىكى قانىلى بولۇپ كەلگەن.»

گېرمانىە دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەنقىد قىلىشى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «تۈنۈگۈن ئاخشام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم. گېرمانىيەدە خىتايغا قارىتىلغان بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ئىشى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان. گېرمانىيە بۇرۇن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدە ئۇنى بۇنداق ئاشكارا تەنقىد قىلىپ باقمىغان ئىدى. بۇ گېرمانىيە ئۈچۈن يېڭى باشلىنىش بولدى. ئۇلار تەھدىتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بۇرۇندىن بىلسىمۇ، بىراق ھازىر ھەرىكەتكە كېلىپ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنى ۋە گېرمانىيە پۇقرالىرىنى ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈرلىكىنى، بۇنى يوشۇرماسلىق كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان.»

ئۇلرىخ دېلىيۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيە ئىستىغباراتى بۇرۇندىنلا خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى تەقىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا ئاشكارا ئىنكاس بىلدۈرمەي كەلگەن ئىكەن.

ئۇلرۇخ دېلئىۇس، بۇ قېتىم گېرمانىيەنىڭ خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىشى «ئىجابىي بىر قەدەم،» دەپ كۆرسەتتى. دېلىيۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھازىرغا قەدەر بىز ۋە بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۆل بۆلۈپ كېلىۋاتقان باشقا ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىمۇ تەقىپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بىزنىڭ ھەركىتىمىز توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. يېقىنقى يىللاردا گېرمانىيەدە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىدىغان بىر قانچە كىشى قولغا ئېلىندى. بۇ ناھايىتى زور ۋەقە. گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەمدى ھۇشىنى يىغىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارلىشى ۋە تەنقىد قىلىشى بىزنى ناھايىتى مەمنۇن قىلدى. ئۇلار بۇرۇن خىتاينىڭ ھەركەتلىرىنى بىلسىمۇ، لېكىن ئاشكارلىمايتتى. مانا ھازىر ئاشكارا تەنقىد قىلدى. بۇ بىر يېڭى باشلىنىش، بىز بۇنى ئىجابىي بىر قەدەم، دەپ قارايمىز.»

گېرمانىيە ئىچكى ئىستىغبارات ئورگانى دوكلاتىدا لىنكىدئىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ساختا ئىسىملارنى ئاشكارلاپ، خىتاي جاسۇسلۇق خادىملىرىنىڭ ھەر خىل سالاھىيەتلەر بىلەن لېتىسىيە چېن، جېيسون ۋاڭ، رېچېل لى، ئەلېن ليۇ، ئالېكس لى، ئېۋا خەن، لو يانا، لىلى ۋۇ دېگەن ئىسىملارنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بۈگۈن تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە گېرمانىيە ئىستىغبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خانز گېئورگې ماسېننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ھەركىتى «گېرمانۇىيە پارلامنېنتى، مىنىستىرلىقلار ۋە ھۆكۈمەتكە سوقۇنۇپ كىرىشتىن ئىبارەت زور ھەرىكەت،» دېگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تور ئەركىنلىكى پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىنكىد‏ئىن خىتايدا تور مۇلازىمىتىگە يول قويۇلغان ئاز ساندىكى بىر قانچە چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ لىنكىد‏ئىننىڭ خىتايدىكى تور ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

لى خوڭكۈەن مۇنداق دەيدۇ: «لىنكىدئىننىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ. چۈنكى لىنكىد‏ئىن بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمى باردەك قىلىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ تورىنى خىتايدا ئىىشلكەتكىلى بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شىركەتكە يول قويۇشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ئۇنىڭ ئارقا سۆڭگۈچىنى كونترول قىلىشىغا يول قويغانلىقىدۇر. مانا بۇ ناھايىتى خەتەرلىك. بۇ دېمەكلىك لىنكىدئىننىڭ ئارقا سۆڭگۈچىدىكى پۈتۈن ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا دېگەنلىكتۇر. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئارقا سۆڭگۈچىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلىپ ھەر خىل ئانالىزلارغا ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ تور ئابۇنتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ خىتاي ئىستىغبارات ئورگانلىرىغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن بولۇشى تۇرغان گەپ. چۈنكى، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ شىركەتنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇشىدىكى ئالدىنقى شەرتى ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى بولماسلىقتۇر. شۇڭا، گېرمانىيەنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ مەلۇم ئاساسى بار.»

لى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى جاسۇسلۇق ھەركىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە ۋە فالۇنگوڭچىلارغا مەلۇم تەھدىت پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەمەلىي قىممىتى بار ئىستىغبارات ئۇچۇرىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئايرىم بىر مەسىلە ئىكەن.

لى خوڭكۈەن مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ئەلۋەتتە مەلۇم خەۋىپى بولىدۇ. ئۇ ئۆكتىچىلەر، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنى ھېچقاچان توختىتىپ قويمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىماي ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگشىپ، ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى تېخىمۇ ئاسانلاشتى. لېكىن ئۇ نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات توپلىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇنى ئىستىغباراتقا ئايلاندۇرۇش ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان بىر جەريان. بۇنى چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ياردىمىسىز قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ توپلىغان سانلىق مەلۇماتى قانچىلىك كۆپ بولسا، بۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە شۇنچىلىك كۈچ كېتىدۇ.»

گېرمانىيە ئىچكى ئىستىغبارات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتى بۈگۈن خىتاينىڭ دەرھال رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار منىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ كاڭ بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا گېرمانىيەنىڭ دوكلاتى «ئاساسسىز» دەپ تەنقىدلىگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، لۈ كاڭ، «بىز گېرمانىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سۆز ۋە ھەركىتىدە تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولمىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.