ياپونىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب تارقاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.12.25
yaponiye-xitay-elchixana-uyghur-aq-tashliq-kitab.jpg ياپونىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تارقاتقان ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتاب
RFA/Haji Qutluq Qadiri

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە «تارىخىي پاكىت-شىنجاڭدىكى مىللەتلەر باراۋەرلىكى-ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى»ناملىق ئىنگلىز تىلىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى تارقىتىشقا باشلىدى.

مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب 2015-يىلى 9-ئايدا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا نەشرگە تەييارلىنىپ، بېيجىڭ چەتئەل تىلى نەشرىياتى تەرىپىدىن شۇ يىلى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ياپون تىلىدىكى نۇسخىسى تېخى تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئەلچىخانىسى كىتابنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنى خىتايغا زىيارەتكە بېرىش ئۈچۈن ئەلچىخانىغا ۋىزا ئېلىشقا كىرگەن ساھايەتچىلەرگە ھەقسىز تەقدىم قىلغان.

مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەۋزەل سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر باراۋەر ۋە ئىتتىپاق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ زور مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇيغۇر ئېلىدا مىسلىسىز تەرەققىياتلارنى بەرپا قىلغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى يولغا قويۇلۇپ مىللەتلەر ئۆز ئېتىقادلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئىچىدە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە قاتارلىق ئاپتونومىيە سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، تارىختىن بېرى ئىقتىسادتا ئارقىدا قالغان ئۇيغۇر ئېلىغا كۆڭۈل بۆلۈش يۈزىسىدىن مەركەزدە مەخسۇس «شىنجاڭ تەرەققىياتى ئىشخانىسى» تەسىس قىلىپ، بۇ رايوننىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا بىر قانچە قېتىم يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئاق تاشلىق كىتابتا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا 24،400 مەسچىتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن، ئازادە ناماز ئوقۇيالايدىغانلىقىنى، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا توغرا دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەخسۇس دىنىي ئۆلىمالارنى يىتىشتۈرۈش كۇرسلىرىنى تەسىس قىلىپ 28،665 نەپەر ئىمامنى تەربىيىلەپ چىققانلىقىنى شۇنداقلا ھۆكۈمەت 10 مىليون خەلق پۇلىنى خىراجەت قىلىپ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى، خوتەندىكى جۈمە مەسچىتى، ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇلمەھمۇر مەسچىتى ۋە شۇنداقلا تۇرپاندىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنى رېمونت قىلىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام دىنىي ئىنستىتۇتىنى ئالاھىدە ئۈلگە قىلىپ قىلىپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە،يېقىندىن بۇيان خەلقئارادىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى،توققۇزاق،يېڭىسار،ناھىيىلىرىدە مەسچىتلەرنى «ئەلالاشتۇرۇش» دېگەن نام بىلەن بىر قىسىم مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ،بىراق كىتابتا خاتايىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرىدىكى كەمچىللىكلەر تىلغا ئېلىنماي ئەكسىنچە، كومپارتىيەنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىگە مەدھىيەلەر ئوقۇلغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشى دىنىي پائالىيىتىنىڭ نورمال شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەر يىلى 15000 كىشىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىز مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تارقاتقان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئاروما خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە باھا بېرىپ:«توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پەدازلاش يۈزىسىدىن ھەر يىلى دېگۈدەك ئوخشىمىغان شەكىللەردە تەشۋىقات پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ياپونىيە جەمئىيىتىگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە كۆرسىتىۋاتقان ئىلتىپاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا تىرىشىدۇ. بىراق، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئاشكارىلايدۇ. دېمەك، ياپون خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت-ئەلەملىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقات كىتابلىرىنى ياپونلار نەزىرىگە بەك ئېلىپ كەتمەيدۇ» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەزكۇر كىتابنىڭ تارقىتىلىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇشتىكى بىر ئالدامچىلىق تەشۋىقات ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىدى.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «خىتايغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مېڭ شيا مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ھەققىدە توختىلىپ:«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات كىتابلىرىغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. كومپارتىيە بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتىدۇ. راستىنلا ئۇيغۇر ئېلىدا تىنچلىق مەۋجۇت بولغان بولسا، خىتاي كومپارتىيەسى نېمە دەپ بۇ رايوندا قوراللىق قىسىملارنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇرلارنى قوراللىق ئىدارە قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي ئەركىنلىك ۋە باشقا جەھەتتىكى ئەركىنلىكلەردىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنى تارقىتىشى،«ياپونىيەدە ئۈزلۈكسىز جانلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىن ئالاقىزادە بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ تەرىپلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تارقاتقان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى بۇ ئاق تاشلىق كىتاب خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ يىل تارقاتقان ئۇيغۇر ئېلىغا دائىر 2-ئاق تاشلىق كىتاب بولۇپ،خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانلىرى ئۆتكەن ئايدا «شىنجاڭ بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى» ناملىق يەنە بىر ئاق تاشلىق كىتابنى تارقاتقان ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.