خىتاينىڭ ئامېرىكاغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىر كۈچى جىددىي مۇنازىرە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.15
xitay-herbiy-toshush-paraxoti.jpg خىتاينىڭ ھەربىي توشۇش پاراخوتى ژەنجياڭدىن ئايرىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 11-ئىيۇل، گۇاڭدۇڭ.
XINHUA

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە قوللىنىپ، سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بولۇپمۇ يېقىندا ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدىكى خىتاي بىلەن چېتىشلىقى بار بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە كۈچلۈك دىققەت قوزغاپ، ئامېرىكىدىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. مەسىلەن، يېقىندا ئامېرىكىدىكى «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى سابىق خوڭكوڭ ۋالىيسى تاڭ چىخۇانىڭ ئامېرىكىدىكى «خىتاي-ئامېرىكا ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتى» ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقات پروگراممىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. گەرچە بۇ بۇ فوندى جەمئىيەت ئۆزىنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدىيىسىنى تاڭمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تاڭ چىخۇانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشى ئىكەنلىكى رەت قىلغۇسىز بىر پاكىت. چۈنكى تاڭ چىخۇا «خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەتچىلەر مۇنبىرى» دەيدىغان بىر ئورگاننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، بۇ ئورگان بىۋاسىتە ھالدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىغا قارايدىغان بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر ئورۇن ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ «خىتاينىڭ چەت دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى ۋاشىنگتوندا جىددىيلىك پەيدا قىلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مەبلەغ تەمىنلىنىپ كەلگەن ئورگانلار ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ئاكادېمىيە ئەركىنلىكىنى يوقاتمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنداق قۇرۇلۇشلارنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا «ئۆز-ئۆزىنى جىمىقتۇرۇش» ھالىتى شەكىللىنىدىكەن. جۈملىدىن، تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ پەقەت سەزگۈر تېمىلارغا ئېسىلمىغاندىلا ئاندىن خىتايغا بېرىپ تەتقىقاتىنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدىغان، نەشرىياتچىلارمۇ خىتاي بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن تەنقىدىي ماقالىلەرنى ژۇرنىلىغا باسماسلىقنى قوبۇل قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن. 

ماقالىدە خىتاينىڭ تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «چەتئەللەرگە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچ بولۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى ھەم شۇنىڭ نەتىجىسى. ئۇ ھەربىي جەھەتتىن كېڭىيىش، بىۋاسىتە چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش، تەبىئىي بايلىقلارنى مونوپول قىلىۋېلىش ۋە خەلقئارا تۈزۈم ۋە نورملارغا تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئويۇنىنىڭ بۇ قىسمى بولسا ئەڭ قاراڭغۇ ۋە چۈشىنىشمۇ ئەڭ قېيىن بولغان قىسمىدۇر. يەنى، بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەقسىتى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلەرنى كېسىپ تاشلاش، ئاندىن ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلىشتۇر». 

13-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىمۇ «خىتاينىڭ يىراقلارغا سوزۇلغان قولى» تېمىسىدا بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەگە سىڭىپ كىرىۋاتقان تەسىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو روبيۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە، بولۇپمۇ ئەركىن جەمئىيەت شەكلىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەملىكەتلەرگە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئېگە قىممەت قارىشى ئۈچۈن بىر زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى سىياسەت ساھەسىنىڭ بۇ ئەھۋالغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى. 

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كەلسە، خىتاي ئاخبارات ئورگىنى بولغان س س ت ۋ نىڭ بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، س س ت ۋ ھازىر ئامېرىكىدىكى تاراتقۇ ساھەسىدە ئالاھىدە چوڭ ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكىدىكى سىملىق تېلىۋىزىيەدە س س ت ۋ قاناللىرى ئىنتايىن كۆپ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى خىتاي كۆرگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچىلار پەقەت شۇلارنىڭ پروگراممىسىنى كۆرىدۇ ۋە ياكى ئاڭلايدۇ. جۈملىدىن ۋەقەلىكلەرنى س س ت ۋ نىڭ مەيدانى بويىچە چۈشىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا مەنچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە رادىئو باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ‹ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى› غا ئوخشاش پەرقلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى كۈچلۈك قوللاش ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە باشقا خىل كۆز قاراش بىلەنمۇ تەمىنلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ مەيداننى ئوپ-ئوچۇقلا خىتاي كومپارتىيىسىگە تاشلاپ بەرگەنلىك بولىدۇ». 

ئامېرىكىدىكى «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ نەشتەرلىك كۈچىنى قانداق قىلىش كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالىدە خىتاينىڭ كۈچىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋە دۇنيادىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئاكادېمىيە ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە غەرب ئەللىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ چوقۇم بۇنىڭغا بىر ئامال تېپىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى ماقالىسىدە خىتاينىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غەرب ئەللىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشى ۋە بۇ نۇقتىدا چوقۇم ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى، ئۆز قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىقلا جىددىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆز پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇشى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قەتئىي بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.