س ن ن تېلېۋىزىيىسى: «خىتاينىڭ سىز ئاڭلاپ باقمىغان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.30
yepiq-terbiyelesh-orni-saqchi.jpg مەلۇم «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا پوستا تۇرۇۋاتقان ساقچىلار. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
AP Photo/Ng Han Guan

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىدىن س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە 26-ئىيۇل كۈنى «خىتاينىڭ سىز ئاڭلاپ باقمىغان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلىرى» ماۋزۇسىدا بىر خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. خەۋەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ۋە «ئاخىرقى يېشىم» دىن ئىبارەت 3 تېرىم بويىچە ئىزاھ بېرىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ۋە جىددىيلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىدىكى س ن ن تېلېۋىزىيىسى تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئاپتورى سىياسىي ئانالىزچى مايكىل كەستېر ماقالىسىنى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن باشلىغان. ئۇ شۇ قېتىملىق ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشنى قاتتىق باستۇرۇپ، مىڭلىغان كىشىنى قولغا ئالغانلىقى ياكى غايىب قىلىۋەتكەنلىكى، ئۇچۇرنى قامال قىلىش ئۈچۈن رايوننىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى 10 ئاي بويىچە ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئارتىپ، 2016-يىلى چېن چۈەنگونىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن: «ئەمما شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ شۇنچە قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىگە قارىماي، ناھايىتى ئاز ساندىكىلەر بۇنىڭدىن خەۋەردار ۋە ئۇ ھەقتە ئوچۇق سۆزلەۋاتقانلار تېخىمۇ ئاز» دېگەن. ئاپتور يەنە ئەسكەرتىپ: «بىز ھازىر شۇنداق بىر نۇقتىغا كەلدۇقكى، ئۇ ھەقتە پەقەت سۆزلەپ قويۇش ئەمدى كارغا كەلمەيدۇ. بۇ زىيانكەشلىككە چوقۇم توغرا بىر ئىسىم قويۇلۇشى ھەم شۇنىڭغا لايىق تەدبىر ئېلىنىشى كېرەك» دېگەن. 

ئاپتور ماقالىسىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خەلقئارالىق قانۇنلارغا كىرگۈزۈلگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن ئۇقۇم ئۈستىدە توختالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «1998-يىلى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن يۇقىرىدىكى بۇ جىنايەتكە بېرىلگەن ئىزاھات تۆۋەندىكى 11 خىل ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇلار، كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا يۆتكەش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، مىللىي ۋە دىنى گۇرۇپپىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە سىستېمىلاشقان بېسىم شۇنداقلا باشقا بىر ئېتنىك گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنىش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتنى تىنچ زامانلاردا يۈرگۈزگىلى بولىدىكەن». شۇڭا ئاپتور سۆزىدە ئەسكەرتىپ: «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى مەن ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتكە بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا تامامەن چۈشىدۇ دەپ قارايمەن» دېگەن. 

مايكىل كەستېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا ئىشىنىشنى، ئاقىۋەتتە يەنە ئۇيغۇر بولۇشنىمۇ جىنايەتكە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ مىساللىرىنى سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا ئىسلامچە ئىسىم قويۇشتىن چەكلىنىشى، دىنى ئەقىدىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا دىنىنى ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك مىساللارنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. 

ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقىدا يولغا قويۇلغاندەك ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈش بېكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك كارتىسى ۋە گېن ئۇچۇرلىرى، ھەتتا قول تېلېفونلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا بىر كەنتكە بېرىپ تۇغقىنىنى كۆرۈپ كېلىش ياكى باشقا شەھەردە دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت قەغىزى ئالىدىغانلىقى، بۇنى ئاز دەپ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ يىراقتىكى تۇغقانلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىپ ئۆتكەن. 

دىققەت قوزغايدىغىنى، مايكىل كەستېر ماقالىسى داۋامىدا «ئاخىرقى يېشىم» ياكى «ئاخىرقى ھەل قىلىش ئۇسۇلى» دېگەن ئۇقۇمنى كىچىك ماۋزۇ قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيە لاگېرىنى» شەرھىلىگەن. «ئاخىرقى يېشىم» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاتالغۇ ئەسلىدە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرىپ يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەتلىرىگە بېرىلگەن نامدۇر. «ئاخىرقى يېشىم» گە ئاساسەن ناتسىستلار 1941-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەھۇدىيلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان ۋە نەتىجىدە 6 مىليوندىن ئوشۇق يەھۇدىينىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە مەركەزلىرى» نىمۇ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىغان ۋە «دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدىكى ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتنىڭ شەپىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سىستېمىسىدىن بەك جىددىي ئەمەس. . . پاكىتلار ئالاھازەل بىر مىليونچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ، يەنى نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنىڭ شىنجاڭدا ‹قايتا تەربىيە مەركىزى› دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلارغا بەند قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا» دەپ ئەسكەرتكەن. 

ماقالىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئىنتايىن چەكلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا لاگېرلاردا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قىيناش ھەم شۇنداقلا ئىدىيە سىڭدۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىر سابىق تۇتقۇننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ لاگېردا ئىچ كىيىم كىيىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان، چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن. يەنە بىر كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان. نۇرغۇنلار غايىب بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئاتالمىش ‹تۇققانلىشىش› ۋە ‹قوندۇرۇۋېلىش› دەيدىغان سىياسەت ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى چوقۇم كومپارتىيە كادىرلىرىنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ، ئائىلىڭىزدىن بىرى تۇتقۇن قىلىنىپ كەتتى ۋە سىز ئۆيىڭىزدە ئۇنى تۇتۇپ بەرگەن كىشىنى مېھمان قىلىپ قوندۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر. يەنە كېلىپ سىز بىلەن بىر ئۆيدە، شۇ تۇتۇپ كېتىلگەن كىشىنىڭ ئورنىدا قوندۇرۇۋالىسىز. ئاتا-ئانىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن قارانچۇقسىز بالىلارنى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋالماقتا. بەزى ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردىن بۇ بالىلارنىڭ ئاتالمىش يېتىمخانىلاردا خۇددى ھايۋانلارغا ئوخشاش يىغىۋېلىنغانلىقى مەلۇم» 

ئۇنداقتا خەلقئارا جامائەت قانداق قىلىش كېرەك؟ مايكىل كەستېر بۇ ھەقتە ئايرىم بىر كىچىك تېمىدا مەخسۇس توختالغان. ئۇ خەلقئارادىكى ژۇرنالىستلار، دىپلوماتلار ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تونۇشى كېرەكلىكىنى، خەلقئارا جامائەتنىڭ چوقۇم مۇستەقىل ۋە ئۈنۈملۈك بىر كومىتېت قۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىنىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاپتور «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق بۇ جىنايەتتە رول ئوينىغانلارنى جازالىيالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ: «شىنجاڭدىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتتە مەسئۇلىيىتى بارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ئەگەر دەرھال ئاياغلاشتۇرۇلمىغان تەقدىردە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئەپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلار ئارقىلىق كېلەچەكتە زادى نېمە قىلماقچى؟ ھازىرچە بۇ بەك ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېلەچەكتە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ۋە دىنى ئەقىدىسىنى ساقلاپ قالغان بىر ئۇيغۇر مىللىتىنى كۆرۈشنى خالىمايۋاتقانلىقى ئېنىق. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا بىر كېلەچەك يارىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ. مەنچە بۇ ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلە. خىتاي بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئەگەر بۇ سۈرۈشتۈرۈلمەيدىكەن ئۇ ھالدا بۇ لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتتە ئەپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى ۋە خەلقئارا جامائەتنى دەرھال بىر تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.