خىتاي ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇسسۇل ئوينىتىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتتە خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇسسۇل ئوينىتىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
nhk.or.jp

ياپونىيەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بەرگەن يازما ئۇچۇرىغا قارىغاندا، توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 8-سېنتەبىر كۈنى، توكيودا ياپون-خىتاي دوستلۇقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گەرچە خىتاي ئەلچىخانىسى پائالىيەت بولۇشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا، ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغان ئىكەن.

بۇ ئوقۇغۇچى مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتكە بارمىغان بولساقمۇ، ياپونىيەنىڭ نھك تېلېۋىزىيە قانىلىدا ۋە بىر قانچە گېزىتتە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كىيىپ «شىنجاڭلىق» لار ياكى «ئۇيغۇرلار» دەپ پائالىيەتتە ئۇسۇل ئوينىغانلىقىنى ھەتتا «شىنجاڭ پولۇسى دەپ بايرامغا قاتناشقانلارغا تاماق ئۇسۇۋاتقان ئەر ئاشپەزنىڭ بېشىغا قازاقچە دوپپا كىيىۋالغان بىر خىتاي ئىكەنلىكىدەك خىتاي كونسۇلى ئىشلەتكەن ساختىلىقلارنى كۆردۇق. بۇ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا غۇلغۇلا قوزغاۋاتىدۇ. بىز بۇنى تەشۋىق قىلغان ياپون ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بۇنى ئاشكارىلاپ نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئالدىدا».

ئۇچۇر ئىگىلىشىمىز داۋامىدا ياپونىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاي-ياپون دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى ياپونىيەدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى. نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ ھەقتە بىلدۈرۈشىچە، توكيودىكى ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئالاقىلەشكۈچىلىرى بۇ ئوقۇغۇچى بىلەنمۇ بىۋاسىتە تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشنى ئۇقتۇرغان بولسا، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلىنىڭ تەكلىپنامىسىنى پوچتا ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان.

بۇ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ 3 يىلدىن بېرى ھەر يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا بىمالال قايتىپ بېرىپ-كېلىپ تۇرغانلىقى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە خالىمىسىمۇ قاتنىشىپ كەلگەنلىكى، ئەمما ئاخىرقى قېتىم 3-ئايدا، كونسۇلخانىنىڭ پاسپورتىنى تەكشۈرۈپ تىزىملاشنى باھانە قىلىپ ئېلىۋالغاندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ كونسۇلخانىغا ئىككىنچى بارمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزىدىن باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر نەچچىسىدىنمۇ يېقىنقى ئايلاردا پاسپورتىنى ئۇزارتىش ۋە باشقا رەسمىيەتلەر ئۈچۈن خىتاي كونسۇلخانىسىغا تاپشۇرغاندىن بۇيان ئالالمايۋاتقان ئىكەن بەزىلىرىنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ ئورنىغا بىرلا قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان ساياھەت گۇۋاھنامىسى ئالماشتۇرۇش بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان.

بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئىلگىرى بىر مەزگىل ئوساكادىكى مۇئاۋىن خىتاي كونسۇلى بولۇپ تۇرغان قۇندۇز يۈسۈپ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ساپورودىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كونترول قىلىشى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

بۇ ئوقۇغۇچى يەنە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم يېقىندا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقى، ئەمما شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئانىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئەمما ھازىر بۇ ھەقتە ئاشكارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغاندا، پاسپورتى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قولىدا بولغاچقا، تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا مىقياستا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى توكيودا ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن نامايىشقا توكيو ئەتراپىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان.

ئىلگىرى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسەن خىتاي كونسۇلخانىسى بىلەن بىر قەدەر يېقىن ئالاقىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپونىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشىپ كەتمەيدىغانلىقى، چەت ‘ئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاۋاز قوشۇشىنىڭ باشقا ئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا پاسسىپ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. شۇنداقتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تەھدىت سېلىشىدىن ئۇلارمۇ مۇستەسنا قالمىغان. ئۇلارنىڭمۇ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا ئىكەن.

ياپونىيەدىن ئىنكاس قىلغان يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەھەللىسىدىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىپ، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە چوقۇم ئۆيگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەگەر قايتىپ كەلمىسە ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلغان. ئۇ يۇرتىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگەچكە باھانە كۆرسىتىپ قايتىپ كەتمىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئۇچۇر-ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئۇ يېقىندا ئانىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. گەرچە ئۇ بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئازابلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئەھۋالنى ئاخباراتقا مەلۇم قىلىشتىن قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىرقانچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ھازىرچە پاسپورتى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قولىدا، ياپونىيەدە تۇرۇش قانۇنلۇق ۋىزىسى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاتماسلىق شەرتى بىلەن يۇقىرىقى مەلۇماتلارنى بەردى.

ئۇلار مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن قايتىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جاز لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ئوخشاش ۋەزىيەتتە قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلارمۇ ئويغىنىشقا، يەنىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتتە قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ تەدبىر ئېلىش، ئۆزلىرى ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئاتا-ئانىسى ھەم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن.

رادىيومىزغا باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ھەققىدىكى تەھدىتىگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ تۈركىيە، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن باشقا ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«دەيلي بېيسىت» گېزىتىنىڭ ‏14‏-ئاۋغۇست، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى ئامېرىكا تۇپرىقىغىچە كېڭەيتىلگەنلىكى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، بەرنا دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستىغانلىقىدەك ئىقرارىنى مىسالغا ئېلىپ، ئامېرىكىدىلا ئەمەس ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق باشقا ئەللەردىمۇ ئوخشاشلا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە تېلېفوندا تەھدىت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كىملىك كىنىشكىسى، ئادرېسى ھەم سۈرىتى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ساقچىلىرىغا يوللاپ بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى شۇنىڭدەك خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مۇشۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىغا ئوقۇغۇچىلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش، پاسپورت ئۇزارتىش ئۈچۈن بارغانلارنىڭ پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرى بىرلا قېتىم چېگرا ھالقىغىلى بولىدىغان ساياھەت گۇۋاھنامىسىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن چەتئەللەردىن قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلار بىردەك تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىمۇ زور دەخلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 2-ئايدا مەخسۇس «چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى» يىغىنىنى چاقىرىپ، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلغان.

بۇ مەسىلە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلارغا پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەر سۆزىدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش خىتاي ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر ۋاسىتە بولۇش بىرگە، ئۇنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشنى چوقۇم ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىگە خەۋەردار قىلىشى كېرەكلىكىنى، مۇشۇنداق قىلغاندا بۇ مەسىلىنى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك ئالاقىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت