ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئۇچراشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2018-06-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن بىرگە. 2018-يىلى 6-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن بىرگە. 2018-يىلى 6-ئىيۇن. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى» رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ياۋرو-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئىسمائىل چىڭگىز قاتارلىق ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئۇچراشتى.

6-ئىيۇن، چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ «پويىز ئىستانسىسى مەيدانى» دا يىغىن ئېچىلدى. يىغىنغا مىڭلىغان كىشى قاتناشقان بولۇپ، زەيتىنبۇرنۇدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن نەچچە يۈز كىشى قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قاتناشتى. 

يىغىندا مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىننىڭ ھەمراھلىقىدا نەچچە مىڭلىغان كىشىگە خىتاب قىلدى. يىغىندا مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ مەزلۇم خەلقلەرنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پۈتۈن مەزلۇملارنىڭ، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ، قان قېرىنداشلىرىنىڭ قەلئەسىدۇر ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئۈمىد مەنبەسى بولىدۇ». 

بىز بۇ يىغىن توغرىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئىسمائىل چىڭگىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، مىنىستىر سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسى ۋە تونىنى كىيدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلات، بىر كىتاب تەقدىم قىلدى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ يازما تەلەپلىرىنى سۇندى.

تەلەپتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسقا ئۆتۈشى، دوختۇرخانىدا ھەقسىز داۋالىنىشى، ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇشى، ئىقامەت، يەنى، تۇرۇش شەرتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشى، بالىلارنىڭ مەكتەپكە ئۆتۈش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشى قاتارلىقلار يېزىلغان. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تەلەپلەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنى يېقىندىن سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمائىل چىڭگىز، سۇلايمان سويلۇنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى قانداش ۋە قېرىنداشلارنىڭ مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە پارلامېنتىدا كۆچمەنلەرنىڭ ئاۋازى، تۈرك دۇنياسى خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىك رولى ئويناۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت