ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ 4 - ئىيۇل قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى


2007.06.02

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 18 يىل بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى، بۇ دۆلەتنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنغا ساھىپخانلىق قىلىشغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىلىرىدىن توم كېزى، جۈمە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، 2008 ‏-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى يېقىنلاشقانسىرى، خەلقئارا جامائەت خىتاينى تېخىمۇ يېقىندىن كۈزىتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىنى، بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قولغا ئېلىنغان پۈتۈن مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى ۋە تيەنئەنمېن ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېدى.

ئۇ شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقە جەريانىدا قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، قانچىلىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قانچىلىك كىشىنىڭ ئىز-دىرەكسىز يۇق بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى، ئەسكەرتكەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ ئوچۇق تەنقىدىنىڭ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى ۋە شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇللىرى كرىستوفەر ھېلنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ قايتىشىنىڭ ئارقىسىدا ئېلان قىلنغانلىقىغا دىققەت تارتماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىرىستوفەر ھېلنىڭ بۇ سەپىرى جەريانىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كورىيە يادرۇ مەسىلىسى ۋە سۇدانغا قارىتا ئىمبارگو يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە قارشى، نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.