ئامېرىكا 11 ‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلىدى


2007.09.11

ئامېرىكا خەلقى سەيشەنبە كۈنى، نيۇيورك ، ۋاشىنگتون ۋە پەنسىلۋېنىيا شىتاتلىرىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، " ‏11 - سېنتەبىر" تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرلىدى ھەمدە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قۇربان بولغانلارنى ئەسلىدى.

نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىگە يېقىن بىر باغچىدا، 11 ‏- سېنتەبىردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە ‏- تاۋاباتلىرى بىلەن ۋەقەدە قۇربان بولغان قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تەزىيە مۇراسىمىدا قازا قىلغانلارنىڭ نام شەرىپى بىر - بىرلەپ ئوقۇلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چەينىي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىر كاندىلىزا رايىس ئاق ساراينىڭ مەيدانىدا قۇربان بولغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.

6 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 11 ‏- سېنتەبىر ھۇجۇمىدا 3 مىڭغا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، نيۇيوركتىكى سودا مەركىزىدە قازا قىلغانلار ئارىسىدا گۆھەر سېيىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ بار ئىدى.

11 ‏- سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە قالدۇرغان زەربىسى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ ، بۇ ۋەقە ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمى يالغۇز ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى، ئىقتىسادىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.