دۇنيا جامائەتچىلىكى ياسىر ئارافاتنىڭ ۋاپاتىغا ئىنكاس قايتۇردى


2004.11.11

پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات پەيشەنبە كۈنى ۋاپات بولغاندىن كىيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سىكرىتارى كوفى ئەننان ياسىر ئافاراتنى پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ ۋەكىلى دەپ ئاتىدى. فىرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك بولسا ئۇننى غەيرەتلىك ۋە ئىشەنچكە تولغان كىشى ئىدى دەپ تەرىپلىدى. روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ياسىر ئارافاتنىڭ ئۆلىمى پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش بولدى دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئارافات پەلەستىن تارىخىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر پەيتتە ۋاپات بولدى دەپ بىلدۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ، پەلەستىن يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەخىتكە چىقىشى تىنىچلىقتىن ئۈمۈچ بېرىدۇ دىگەن. خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋمۇ پەلەستىن پارلامېنت رەئىسىگە مەكتۈپ ئەۋەتىپ، ياسىر ئارافاتنىڭ ئۆلىمىگە تەزىيە بىلدۈرگەن. ئۇ ياسىر ئارافاتنى يۈكسەك بىر رەھبەر دەپ تەرىپلىگەن.

ئىسلام ئەللىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ياسىر ئارافاتنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ پەلەستىن مىللىي ئازاتلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيلىگەن.

بىراق ئىسرائىلىيىنىڭ ئەدىلىيە مىنىستىرى بولسا، ياسىر ئافاراتنى ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن تىنىچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر توسالغۇ دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.