ئافغانىستاندىكى تالىبانلار نېمە ئۈچۈن كۈنسېرى كۆچلىنىۋاتىدۇ ؟


2007.01.16

ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللىنىشكە باشلىغان تالىبانلارنىڭ ئۆتكەن يىلى بولۇپمۇ ئافغانىستان جەنۇبىي رايونىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيسىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى، كابۇلدا تالىبانلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا سەۋەب بولماقتا. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر تالىبانلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختاتماي تۇرۇپ، ئافغانىستاندا تىنچلىق، مۇقىملىقنى تىكلەش ۋە ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دېيىشمەكتە. شۇنداقلا ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنلىرىنى ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتە ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان تالىبانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ، ئافغانىستاندىكى چەتئەل ھەربىي قىسىملىرىغا قارشى بىر خەلق قوزغىلىڭىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇش ھەقىدە بېرىلگەن ۋەدىلەر دېگەندەك ئەمەلگە ئاشمىغان

دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ مۇتلەق كۈپ سانلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسدە 5 يىل بۇرۇن ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى گۇمران بولغان تالىبانلار نېمە ئۈچۈن قايتىدىن تەشكىللىنىپ، پرېزىدېنت كەرزەي ھۆكۈمىتى ھەمدە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىغا تەھدىت قىلىدىغان بىر كۈچكە ئايلاندى؟

سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەر، تالىبانلار ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستاندا قايتىدىن كۈچلىنىشىدە نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سىياسىي مۇلاھىزىچى نىكولاس مارتىن لالەندەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستاندا تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ دېگەندەك ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، پرېزىدېنت كەرزەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىقتسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن جىددىي بىر تەدبىر ئالالمىغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى تالىبانلارنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ، كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىدىكى خەلق، ساغلىق خىزمەتلىرى قاتارلىق ئاساسلىق خىزمەتلەردىن بەھرىمەن بولماقتا ھەمدە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولماقتا. ئافغانىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلق بولسا تېخى بۇ خىزمەتلەردىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتىدۇ.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، پرېزىدېنت كەرزەي، تەسىر دائىرىسىنى ھازىرغىچە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل سىرتىدىكى رايونلارغا دېگەندەك كېڭەيتەلمىگەن.

بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى نارازىلىقنى كۈچەيتكەن

ئافغانىستان مەسىلىسى بولۇپمۇ، تالىبانلار ھەققىدە ئەڭ مۇھىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بېرى بولغان سەيد سالىم شاھزادنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان جەنۇبىي رايونلىرىدا ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كۆپلىگەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشى، ئاساسەن پەشتۇن مىللىتىگە مەنسۇب بولغان رايون خەلقىنىڭ كەرزەي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ھەمدە ئافغانىستاندىكى چەتئەل ھەربىي قىسىملىرىغا بولغان گۇمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانسىتاننىڭ قەندەھار، ھىلمەند ۋە ئۇرۇزگان قاتارلىق ئاساسەن پەشتۇنلار ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلىرىدىكى 18‏- ئەسىردىن بېرى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن پۈتۈن پەشتۇن قەبىلىلەر، ئۆزلىرىنى ئافغانىستاندىكى يېڭى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار دەپ قارىماقتا. پەشتۇن قەبىلىلىرىنىڭ بۇ نارازىلىقى رايوندا تالىبانلارنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ھەتتا بەزى ناھىيەلەردە ھاكىمىيىتىنى قايتىدىن تىكلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە باشلىغان تالىبان قالدۇقلىرى، بۇ يىل ئىچىدە تالىبانلارنىڭ مەنۋىي پايتەختى ھېسابلانغان قەندەھار شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.

يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتقان پاكىستان-ئافغانىستان چېگرسىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، بۇ رايوندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشى، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ ئەركىن ۋە ئازادە ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ ئۆتكەن يىلى، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرا رايوندىكى پەشتۇن قەبىلىلىرى بىلەن بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن رايوندىكى قەبىلىلەر تالىبانلارنى قوللاشنى توختىدىغانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتى بولسا رايوندا تالىبانلارنى قوللاۋاتقان قەبىلىلەر ۋە چەتئەللىك مىلىتانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي تازىلاش ھەرىكىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.