دېك چېينىنىڭ ئافغانىستاندىكى زىيارىتىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

2007-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر ھەربىي بازىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۈزىنى ئولتۇرۇۋېلىش ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 15 كىشى ئۆلدى.

فرانسىيە ئاگتېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى يوسۇف ئەخمەدى، باگرام ھەربىي بازىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھۇجۇمدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېنى نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن، ھاۋا شەرتلىرىنىڭ ناچار بولۇشى تۈپەيلىدىن، كىچىنى ناھايىتى ياخشى قوغدالغان باگرام ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزگەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتىغا ھېچقانداق زىيان يەتمىگەن. ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھۇجۇمدىن كېيىن، زىيارەت پىلانىنى ئۆزگەرتمەي، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا بېرىپ، پرېزىدېنت ھامىد كەرزەي بىلەن تالىبانلار ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت جەريانىدا دېك چېينى ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەيگە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتانغا بىرىۋاتقان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئافغانىستاندىن ئايرىلغان.

ۋەقەدە بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەر ئىككى ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىدا ۋەزىيە ئۈتەۋاتقان بىر جەنۇبىي كورىيە ئەسكىرى ئۆلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانسىتاندا قايتىدىن تەشكىللەنگەن تالىبانلار ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرى بۇ يىل ئەتىيازدا ئافغانىستاندا كەڭ كۈلەملىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.

سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەر، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينىنىڭ باگرام ھەربىي بازىسى زىيارىتى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم، تالىبانلار ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك رازۋۇتكا ئورگانلىرىغا كىرىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېيشمەكتە. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت