ئامېرىكا- ئافغان بىرلەشمە ئارمىيىسى 30 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانلىرىنى يوقاتتى


2007.04.12

ئامېرىكا ۋە ئافغان قىسىملىرى، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا 35 نەپەر تالىبان مىلىتانىنى يوقاتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى زابۇل ناھىيە باشلىقى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، چارشەنبە كۈنى كەچتە خاكە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان جەڭدە، 30 دىن ئارتۇق تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇناسىۋەتلىك خادىملار يەنە، تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ ئافغان ئارمىيىسىگە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغاندا، ئافغان ئارمىيىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە ئافغان قىسىملىرىدىن يارىلانغانلار يوق دىيەرلىك بولۇپ، چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن يەنە بىر زوراۋانلىققا قارشى ھەرىكەتتە، ئىككى نەپەر كانادالىق ئەسكەر يول ئۈستىدە پارتلىغان بومبا تۈپەيلى ئۆلگەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئوخشاشلا ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا، 6 نەپەر كانادالىق ئەسكەر يول ئۈستىدە پارتلىغان بومبىدا قازا قىلغان.

پەيشەنبە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي قوماندانلار، كانادانىڭ كۈبەك شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، قانداق قىلغاندا ئەسكەر مەنبەسى ۋە قورال يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.