ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 12 كىشى ئۆلدى

2007-04-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن تالىبان قالدۇقلىرى، ھۇجۇملىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئىشلىتىۋاتقان تاكتىكىلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. دېگەندەك ئافغانىستاندا تالىبان قالدۇقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.

شەنبە كۈنى تالىبان قالدۇقلىرى تەرىپىدىن ئافغانىستاننىڭ شەرقىي رايونىغا جايلاشقان خوست شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 12 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ 8 ئى ساقچى خادىمى ئىكەن. ئافغانىستان دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان كىشى يارىلانغان.

پاكىستان مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلار 4‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى بىر سىنئالغۇ لىنتىسى تارقاتقان بولۇپ، بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىدا ئۆتكەن ئاي پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدا تالىبانلار تەرىپىدىن ئامېرىكا ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئىشپىيونلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن قارى غۇلام نەبى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ، كاللىسىنىڭ ئېلىنىشى كۆرسىتىلگەن. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت