
ئابدۇل راخماننىڭ خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغانلىقى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئافغانىستان قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئەگەر ئابدۇل راخماننىڭ خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشمۇ؟
ئەسلى بىر دىنىي ھەرىكەت بولغان تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا يۈز بەرمىگەن بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ھەمدە ئاساسەن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ۋە مالىيە ياردىمى بىلەن ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شۇنداقلا دېموكراتىيە مەسىلىسىدە رايوندىكى دۆلەتلەرگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە يۈز بېرىشى، غەرب دۆلەتلىرىنى بولۇپمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ھەيران قالدۇردى.
بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بۇ ۋەقەنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنى يەنە بىر توقۇنۇشنىڭ گىردابىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسى مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنىڭ غەرب مەتبۇئاتىدا نەشر قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئابدۇل راخماننىڭ سوتقا تارتىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئىنكاسى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئابدۇل راخماننىڭ خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ سوتقا تارتىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزايدىن مەسىلىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
پرېزىدېنت بۇش بۇ ھەپتە ئىچىدە بەرگەن باياناتىدا، ئابدۇل راخمان مەسىلىسىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئافغانىستانغا، رادىكال مۇسۇلمان سوتچىلار كىشىلەرنى دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلسۇن دەپ ئەمەس، تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلدى، دېدى.
ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاننى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتقان گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن ئافغانىستانغا بېرىۋاتقان ھەربىي يارىدىمىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋولفگاڭ شۇيبىل، بۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستانغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردىمىنى توختىتىشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئاساسلىق قىسمى، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىم ۋە ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىتىش تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمىدى.
ئافغان خەلقىنىڭ نارازىلىق كۈچەيمەكتە
ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغان مۇجاھىتلىرىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە ئافغانىستان ئىسلام ئىقتىدار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەتشاھ ئەخمەتزەي سوتنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئافغانىستاندىكى پۈتۈن دىنىي ئۆلىمالار ئابدۇل راخماننىڭ چوقۇم ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا، دېگەن.
ئافغانىستان دىنىي ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئابدۇل رائۇف ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، بىز خەلقنى ئابدۇل راخماننى تارتىپ چىقىپ، پارچە - پارچە قىلىۋىتىشكە چاقىرىمىز، دېگەن.
ئابدۇل راخماننىڭ تۇغۇلغان جايى بولغان پەنجشىر رايونىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كابۇلغا كېلىپ، سوتتىن ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانسىتان ھۆكۈمىتىدىكى مىنىستىرلار خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن قورقۇپ، بۇ مەسىلىدە ئوچۇق بىر پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان.
بۇ ۋەقەدىن ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرى ۋە رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلار ئافغانىستان خەلقىنى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى قوزغاش ئۈچۈن پايدىلىنىشى مۇمكىن.
گۋەنتانامودا ئامېرىكىلىق سوراقچىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى دەپسەندە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەمدە غەرب مەتبۇئاتىدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ئافغانىستاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، قانلىق نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 16 يىل بۇرۇن ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بىر چەتئەل تىببىي ياردەم تەشكىلاتىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇل راخماننىڭ مەسىلىسى، جىددىي سىياسىي تەسىراتىدىن باشقا يەنە دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى ئافغانىستاندىمۇ بەزى جىددىي سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. (قانات)