گېرمانىيە خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئەيدىز ۋىروسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلدى


2004.11.29

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېئىرمانىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار بولغان خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن 7 مىليون ياۋرو پۇل بېرىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گىرمانىيە ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا دوختۇرخانا ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەركەزلىرى قۇرۇش ئىشىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە 42 مىليون 350 مىڭ ياۋرو قەرز پۇل بېرىدىكەن.

خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلغار تىببىي تېخنىكا سېتىۋېلىش ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇللىرى ئۆگىنىش ئۈچۈن چەت دۆلەتلەردىن كۆپ مىقداردا پۇل ياردىمى ئالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت گېرمانىيىلا خىتايدىكى ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياردەم ۋە قەرز پۇل بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە 177 مىليون ياۋروغا يېقىن پۇل بەرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەيدىز ۋىروسى ئەڭ تىز تارقىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى. گەرچە گېرمانىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مىقداردا پۇل ياردىمى بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پۇلنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئەمەس، ئاساسەن ئەيدىز ۋىروسىدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.