خەلقئارا ئەيدىز تەشكىلاتى، ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا جىددى قارىماقتا


2004.11.30

دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادتا ئېچىلغان خەلقئارا ئەيدىز يىغىنىدا، نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىنتايىن جىددى بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئەيدىز يىغىنىدا ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا ئائىت مەخسۇس سىياسەت پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا جىنسى پەرقنى بىكار قىلىش، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى، ئىقتىسادى ۋە تەقدىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇلارغا كۆپرەك ھوقۇق بېرىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننى پاكىستاندا ئېچىشتىكى مەقسەتمۇ، ئەيدىزنى كونترول قىلىشتا دىننىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىمۇ، نۆۋەتتە ئەيدىز ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئەيدىزدىن ساقلىنىش، زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلۋاتقان دىنىي پائالىيەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.