ھەر قايسى دۆلەتلەر "دۇنيا ئەيدىز كۈنى" نى خاتىرىلىدى


2004.12.01

worldaids_200.jpg
ھىسدىنتاندىكى شاكتى ۋاھىنى ناملىق ئاممىۋىي گرۇپ دۇنيا ئەيدىز كۈنى ھارپىسىدا يېڭى دېھلىدا شام ياندۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.AFP رەسىمى

1 - دىكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ب د ت نىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىرگىھا قارىغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا 45 مىليون كىشى ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئاياللار ئىكەن. پەقەت ئاسىيا قىتئەسىدىلا بۇ يىل 540 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ يىل دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى داغدۇغا بىلەن خاتىرىلىگەن. خىتاي رەھبەرلىرى ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ھەققىدىكى ساۋاتلارنى ئۈگىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى، جىنىسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېز كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلاتىدا يەنە، ئەيدىز ۋىروسىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چەككۈچىلەر، پاھىشلەر قاتارلىق خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى پۇقرالارغا يۇقۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى خىتايدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 840 مىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق ب د ت نىڭ ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىسا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 2010 - يىلىغا بارغاندا 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.