دۇنيا دۆلەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلىدى


2005.12.01

بۈگۈن دۇنيا ئەيدىز كۈنى. ئەيدىز كېسەللىكىنى دۇنيا خەلقى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بىر كېسەللىك دەپ كۆرسەتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا دۆلەتلىرىنى مەزكۇر كېسەللىكە قارشى تۇرۇش ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددى تەدبىر كۆرۈش توغرىسىدا ئاھاگلاندۇردى.

دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئەيدىز كىسەللىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى ئاشۇرۇش ۋە مەزكۇر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئىڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دېرىكتورى پىتەر پوئىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، -2005 يىلى دۇنيادىكى ئەيدىز كىسەللىرىنىڭ سانى 40 مىليون ئۈچ يۈز مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇ دۇنيا دۆلەتلىرىنى ئەيدىز كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاش ئۈچۈن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

خىتاي، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىلى دۇنيادىكى ئەيدىز كېسەللىكى ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.