ئەنگلىيە ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىددىي تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق ئۆلكە ۋە رايونلارغا كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە 200 مىليون دوللار ياردەم بېرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە خەلقئارا تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاشكارىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەيدىز ياردەم پىلانى بويىچە خىتايغا 2011 - يىلغىچە 105 مىليون فونت ستېرلىڭ ياردەم قىلىدۇ.
مەتبۇئاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەنسۇ، سىچۈەن، خېنەن، يۈننەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەزكۇر ياردەم تۈرىدىن ئەڭ كۆپ بەھرىمان بولىدىغان ئۆلكە ۋە رايونلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە ئەيدىز كېسىلى ئەڭ كوپ تارقالغان ۋە ئەڭ تېز رايون بولۇپ قالدى. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرى غۇلجا شەھىرى بويىچە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرىدە نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان 6000 كىشى ئىچىدە 4500 كىشى ئەيدىز ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ چىققان ۋە بۇنىڭ 90 % نى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلماقتا.
ئەنگلىيە خەلقئارا تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى توماسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىز بىلەنلا چەكلەنمەيدىغان مەزكۇر ياردەم تۈرى باشلانغۇچ مائارىپ، تېبىركولىزنى كونترول قىلىش، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ۋە ھاۋا كېلىماتىدىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق تۈرلەرگە ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر، بۇ پۇلنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى كەڭ تارقالغان جايلارغا يېتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يىن زوڭخۇا، " مەزكۇر پىلان بويىچە بىز يۈننەن ۋە سىچۈەندە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز " دېدى. (ئەركىن)