ئامېرىكا غەۋۋاسلىرى بۈگۈن فىللىپىندە كېمىدە ۋەقەگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدى

فىلىپپىننىڭ قىرغاقتىن - قىرغاققا يولۇچى ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان كېمىسى 6 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى 'فېڭشېن' بەلگىلىك دېڭىز چاپقۇنىغا ئۇچراپ 800 كىشى بىلەن دېڭىزدا غايىپ بولغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.06.25

 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فىلىپپىننىڭ دېڭىز ساقچى ئەترىتىنىڭ غەۋۋاسلىرى، كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن كېمە ئەتراپىدا دېڭىز يۈزىگە لەيلەپ چىققان 15 جەسەتنى ۋە قىرغاققا لەيلەپ چىققان 50 جەسەتنى بايقىغاندىن كېيىن، فىللىپىن ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ساق قالغان ئادەم بارلىقىدىن ئۈمىد ئاز بولسىمۇ، يەنىلا كېمىدە ۋەقەگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ چۇقۇم ئىز - دېرىكىنى قىلىش ۋە ساق قالغانلىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ياكى ئۇلارنىڭ جەسىتىنى تېپىش ئۈمىدىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى فىللىپىن پرېزىدېنتى ئارويوغا، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئاۋىئاماتكا ۋە غەۋۋاس ئەۋەتىشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، بۈگۈن ئامېرىكا غەۋۋاسلىرى تىك ئۇچارلارنىڭ ھېمايىسى ئاستىدا، فىللىپىن غەۋۋاسلىرى بىلەن بىرلىكتە، ۋەقە يۈز بەرگەن دائىرىدە ئادەم ئىزدەشكە باشلىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.