ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا چېگرا بېجىنى يۇقىرىلىتىش جازاسى قوللىنىش تەكلىپى بېرىلدى
15- نويابىر، پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى، خىتاينىڭ ، ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ كەلگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، خىتايدىن ئامېرىكىغا تۆكمە بولۇپ كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىغا قارىتا قويۇلىدىغان چېگرا بېجىنى يۇقىرىلىتىش جازاسى قوللىنىش تەكلىپىنى بەردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ۋاليوتا (پۇل ئوبوروتىدىكى پۇل) نى تىزگىنلەشنى ئىسپىرت مەھسۇلاتلىرىغا بېرىلگەن قانۇنسىز ياردەم دەپ تونۇيدىغان بىر قانۇن ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس خىلى ئۇزۇندىن بېرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ۋاليوتا (پۇل ئوبوروتىدىكى پۇل) نى تىزگىنلەپ كەلگەن دۆلەتلەر ئۇستىدىن ۋاليۇتانى ئەركىن قويۇۋېتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان ياكى ئىقتىسادى جازا قوللىنالايدىغان ھوقۇق بېرىدىغان بىر قانۇن ماقۇللاشنى ئويلىشىپ كېلىۋاتقان ھەمدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ۋاليوتا ئويۇنى ئوينىغان دۆلەتلەرگە جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارولين بارتھولومېۋ، ئېكسپورت ماللىرىغا دۆلەت قوشۇمچە ياردەم بېرىش قىلمىشىنى ئەركىن بازار پرىنسىپىنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ تونۇيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: " بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، خىتاي مەككارلىق بىلەن ئېكسپورت ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ۋاليوتاسىنىڭ قىممىتىنى ئىزچىل تىزگىنلەپ كەلمەكتە" دېدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاليوتاسىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تىزگىنلەپ، ئادالەتسىز سودا رىقابىتى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئاتموسفېرانىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭى ھەربىي قورال ياسىماقتا
- ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئىمزالىق خەت يوللىدى
- دۇنيا بانكىسى خىتاي ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەزمۇنىنى چىقىرىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى
- ئامېرىكا، تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر تەڭسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى پائۇلسون خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەت پائالىيىتىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكۈر ھەربىي قوراللار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ
- ئامېرىكا، سەئۇدى ۋە خىتاي شىركەتلىرى بەش مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزدى