گېنېرالى ۋىليام فالون: ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايمەن

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ رەئىسى دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ۋىليام فالون، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن جىدەل چىقىرىش نىيىتى يوقلىقىنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال ۋىليام فالون سەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "مەن ئىرانغا ھۇجۇم پىلانلاشقا ئەمەس، ئىرانلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقىمەن" دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا يېقىندا مەتبۇئاتتا چىققان خەۋەرلەر بولۇپمۇ، پارس قولتۇغىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىنى قايغۇلاندۇرغان بولۇپ، ئۇلار باياناتلار ئېلان قىلىپ، بۇنداق بىر ھۇجۇمدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى تەكتلىمەكتە.

ئۆتكەن ئاي ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇغىدىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان قاتارنىڭ باش مىنستىرى شەيخ ھامىد بىن جاسىم بىن جەبىر ئەلتانى، قاتار ھۆكۈمىتى، قاتار زېمىنىنىڭ ئىرانغا قارشى ھۇجۇم ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ دەپ جاكارلىغان.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق باش شتابىنىڭ رەئىسى گېنېرال ۋىليام فالوننىڭ باياناتىنىڭ پارس قولتۇغى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. (ئۆمەر قانات)