كوندىلىزا رايىس ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىللىرىنى مۇزاكىرىلەشتى


2007.01.18

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (Condoleezza Rice) كوندىلىزا رايىس، پەيشەنبە كۈنى لوندونغا يېتىپ كېلىپ، ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىق مەسىلىسى ھەققىدە ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كوندىلىزا رايىس ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بېلېيېر قاتارلىق ئەنگىلىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مەزمۇنى ھەمدە پەلەستىن ‏- ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى تېنچلىققا يۈزلەندۈرۈش پىلانى ھەققىدە توختىلىدىكەن.

كوندىلىزا رايىس ئەنگىلىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن، گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولغان ئىدى، ئۇ گېرمانىيىدە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلقئارا گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك مەزكۈر يىغىندا قانداق قىلغاندا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا گۇرۇپپىغا گېرمانىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار ئەزا بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.