قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى
2006.09.27
ئامېرىكا پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ تەكلىپى بىلەن، 26 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىغا قاراتقان زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى.
نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 27 - ھەمدە 28 - سېنتەبىر كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە قازاقىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ياسالغان قازاقىستان مۇستەقىللىق مۇنارىنىڭ يوپۇقىنى ئاچىدۇ. ئۇ زىيارىتى جەريانىدا جۈمە كۈنى پرېزىدېنت بۇش تەرىپىدىن ئاق سارايدا رەسمىي يوسۇندا كۈتۈۋېلىپ، ئامېرىكا -قازاقىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە پىكىرلىشىدۇ.
ھازىر ئامېرىكا قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولۇپ 1993 - يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ سالغان مەبلىغى 12 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. بۇ نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئامېرىكىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقى زىيارىتىدە ئۇ 2001- يىلى پرېزىدېنت جورجى بوش بىلەن كۆرۈشۈپ ئامېرىكا بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، قازاقىستاننىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى مول نېفىت ھەمدە تەبىي گاز زاپىسىغا ئىگە دۆلەت بولغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئاساسى ھەمدە ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى ئېتىبارىغا ئېرىشىشىدىكى نۇقتىلىق سەۋەب دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نۇرسۇلتان نازاربايېف 9 - ئاي ئاق ساراينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئامېرىكا قازاقىستاننى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى
- ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چەينى قازاقىستاندا
- ئامېرىكا تەلەپ قىلىنغان شارائىتتا، قازاقىستاندا ھەربىي بازا ئېچىشى مۇمكىن
- كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى