ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كوندىلىزا رايس خانىم رۇسىيە گېنېرالىنى تەنقىدلىدى


2007-02-21
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېرلىندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كوندىلىزا رايس خانىم چارشەنبە كۈنى رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىڭ باشلىقى گېنېرال نىكولاي سولوۋىتسوۋ نىڭ پولشا، چېخ جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا، بۇ دۆلەتلەردە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قالقان سېستىمىسى قۇرۇلۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ۋە رۇسىيە گېنېرالىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قۇرىدىغان قالقان سېستىمىسىغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە بولغانلىق دەپ ئاتىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رايس خانىم بېرلىندە ئېچىلغان مۇخبىرلار يىغىنىدا، رۇسىيە گېنېرالىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىتا ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قالقان سېستىمىسى ھېچقاچان رۇسىيىگە قارىتىلمىغانلىقىنى ۋە بۇھەقتە رۇسىيىگە چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت