ئامېرىكىدا پارلامىنت سايلىمى ئاياقلاشتى


2006-11-08
Share

'رويترس ئاگېنتلىقى'نىڭ 8 - نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئامرىكىدا داۋاملىشىۋاتقان پارلامىنت سايلىمى 11 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى ئاياقلاشتى. بۇ قېتىمقى سايلامدا دېموكراتلار ئاۋام پالاتاسىدا 226 سانغا ئىگە بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر 12 يىلدىن بويان ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئۆزگەرتتى. جورجى بۇش ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ سىياسەت -بەلگىلىمىلىرىنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشتە چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاقساراي 7 ‏- نويابىر كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامىنت سايلىمىدا دېموكراتلارنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىىقنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنداقلا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆكتىچى پارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر ئامېرىكىدا داۋاملىشىۋاتقان كېڭەش پالاتاسى سايلىمىدىمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلاردىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ناھايىتى جىددى كېتىۋاتىدۇ. قايسى تەرەپنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.(ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت