ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كوندالىزا رايىس ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئىلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى داۋامىدا دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى.
كوندالىزا رايىس سۆھبەتتە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ يېڭى ئىراق ئىستراتېگىيىسى ۋە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تىزلىتىش مەقسىتىدە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رايىس مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئولمېرتلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش جەريانىدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى شۇنداقلا پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋە مىسىر ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى زىيارەت رايىسنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان 8 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئىلتەبىر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رايىس بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- كوندىلىزا رايىس بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
- كوندالىزا رايس شىمالىي كورىيىگە قوللىنىدىغان جازانى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن
- رايىس، پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى